2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ئەقىل (3) ئىسلام ئەنئەنىسىدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنى

 

 (5)

قۇرئان ئەقلى مۆجىزە

 

ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسىنى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، ئىسلامنىڭ دەۋرلەر بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئەقلى مۆجىزىسى قىلىپ بېكىتكەن. مانا قۇرئان ھەر دەۋر ۋە ھەر زاماندا ئىنسان ئەقلىگە خىتاب قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قۇرئان ھىدايەت كىتابى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىيامەت كۈنىگىچە مۆجىزىسى. قۇرئان ھەر قانداق دەۋر ئۈچۈن يەككە-يېگانە ئەقلى مۆجىزە، چۈنكى قۇرئان ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەلب ۋە ۋىجدانغا نىدا قىلىدۇ، ئەقىل بىلەن ساغلام لوگىكا ئاساسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، بىر ئادەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ.

ئىنسان ئەقىل بولمىغان بولسا ئىسلام دىنى، پەيغەمبەرلىك، ياخشىلىق- يامانلىق ۋە توغرا-خاتانى بىلەلمىگەن بولاتتى. ئەقىل ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئاستى قۇرۇلمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ كەسكىن يەكۈنلىرى ئىسلام ئالىملىرى نەزىرىدە كەسكىن ھەقىقەت دەپ قارالدى. مانا ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان كىشىلەر كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان ئالىملاردۇر. چۈنكى كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلمەيدىغان ئىنسان ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلمەيدىغان ئىنسان.

ئىسلام دىنى ئەقىلگە ئەركىنلىك چۇلۋۇرىنى قويۇپ بېرىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش  يولىنى ئېچىپ بېرىپ ئىلىم-پەنگە چاقىردى. مانا ئىسلام ئىدىيىسى ئىدىيە ئەركىنلىكى ۋە ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.

قۇرئان كەرىم ئەقىلنى بايان قىلسا ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش، ئەقىل بىلەن ئەمەل قىلىش ۋە ئەقىلگە تايىنىش ئورنىدا بايان قىلىدۇ. شەرىئەتتە بۇيرۇق ۋە چەكلىمە كەلگەن ھەر بىر ئورۇندا مۇسۇلماننى ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ياكى ئەقلىنى ئىشقا سالمىغانلىقىغا قارىتا ئەيىبلەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئەقىلنى ئىشارەت قىلىپلا ئۆتۈپ كەتمىدى، بەلكى ئەقىلنىڭ ھاياتتىكى رولىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسلام خەلقئارالىق ھەزارەت بولغاچقا ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەتكە دەرۋازىلىرىنى ئاچتى، ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى قوغداپ كەلدى، بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى يوققا چىقرۋەتمىدى، ياخشى نەتىجىلەر ۋە پايدىلىق ئىدارە تۈزۈملىرىنى نەقىل قىلىپ قوبۇل قىلدى.

 

 

 (6)

ئىسلام  ئەنئەنىسىدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنى

 

ئىسلام ئەنئەسىنىڭ بارلىق ئېقىملىرىغا قارىساق، بۇ مىراسنىڭ تارىخ بويى ۋە تۈرلۈك مەزھەبلىرىدىمۇ ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ يۇقىرى ئورۇن ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز.

ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ گۇۋاھلىقىغا مىسال تەرىقىسىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدىغان بولساق، ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار باشقا مىللەت ۋە ھەزارەتلەردىن پەخىرلەنگۈدەك ئەنئەنىنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن:

(1).ھەزرىتى ئەلى سوئال سورىغان بىر كىشىگە: ئى ئىنسان! ئاللاھنى چۈشىنىشتە ئەقلىڭنى ئىشلەت، دېگەن. ئۇ ئادەم: ئەقلىمنى ئىشلەتتىم، دېگەن. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى: مانا ئەمدى مۇسۇلمان بولدۇڭ،دېگەنىكەن. ئاللاھنى ئەقلى جەھەتتىن چۈشىنىش ئىسلامنىڭ دەلىلى.

(2).ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ئالىمى ھەسەن بەسرى (642- 728م): «بىر ئادەمنىڭ ئەقلى تولۇق بولمىغىچە دىنى پۈتۈن بولمايدۇ»دېگەن.

ئەقىل ھېس تۇيغۇ ۋە ھېسسى ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەرىپەت ۋە ئاڭقىرىش دەرىجىلىرىنىڭ بىر دەرىجىسى. بۇ توغرىدا ئەدىب جاھىز:«كۆزۈڭ كۆرگەن بويىچە ئىش قىلما، ئەقلىڭ كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىل»دەيدۇ.

(3).ھىجرىيە ئىككىنجى ئەسىردە ياشىغان ئەقلى، ۋىجدانى ۋە ئىجادىيىتىدە تەسەۋۋۇپ، پەلسەپە ۋە سەلەپىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئالىم ھارىس مۇھاسىبى (781-857م)نىڭ گۇۋاھلىقىغا قارىسىڭىز ئەقىلنىڭ چاقناپ تۇرغان ئورنىنى كۆرەلەيسىز. ھارىس مۇھاسىبى مۇنداق دەيدۇ:«ئەقىل ئاللاھ ئىنساندا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئي خاراكتېر، كۆزدىكى نۇرغا ئوخشاش قەلبتىكى نۇر. ئىنسان مۇشۇ نۇر بىلەن تۇغۇلۇپ، ئەقلى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەرىپەتنى ئاشۇرىدۇ. ئەقلى مەرىپەت روھنىڭ ساپ ماھىيىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە ماھىيەت دەپ ئاتالدى. ئەقىل ئارقىلىق ئىنسانلار ئاللاھنى تونىدى، قايسى نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئەقىل ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھ ئەقىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەت يېشىغا يەتكەنلەرگە ھۆججەت تۇرغۇزدى…

ئىنسان كۆپ ئىبرەت ئېلىشى، بىلىمىنىڭ كۆپىيىشى ۋە پەزىلىتىنىڭ ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشى ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. قايسى بىر ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ئاز بولسا ئىبرەت ئېلىشى ئاز بولىدۇ، كىمنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئاز بولسا، ئىلمى ئاز بولىدۇ. كىمنىڭ ئىلمى ئاز بولسا نادانلىقى كۆپ بولىدۇ ۋە كەمچىللىكى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ياخشىلىقنىڭ تەمىنى، ئىماننىڭ لەززىتىنى ۋە ھېكمەتنىڭ روھىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئەقىلنى ھېكمەتنىڭ ئاساسىي، كۆز قاراشنىڭ دەلىلى، چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى، ئىلىمنىڭ قورغىنى ۋە كۆزلەرنىڭ نۇرى قىلىپ بەلگىلىدى… ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاقىل ئىنسانلارنىڭ كاتتىسى ئەقىل ۋە مەرىپەتتە ئاللاھنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئاللاھنى ئەقلى جەھەتتىن تونۇغان كىشىلەردۇر.(ھارىس مۇھاسىبى «ئەقىلنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتى»201،230-بەت).

(4).ئىسلامنىڭ ھۆججىتى دەپ نام ئالغان مۇتەپەككۇر ئالىم ئەبۇھامىد غەزالىي(1058-1111م) نىڭ ئەقىلنىڭ ئورنى ۋە ئوتتۇراھال ئىسلامنىڭ ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى ئالاھىدە قىلىشتىكى رولى توغرىسىدا ئاجايىپ كۆپ سۆزلىرىنى ئۇچرىتىمىز. ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتى ھۆججەتنىڭ زاھىرىدا تۇرۇۋالىدىغانلارنىڭ ۋە ئەقىل بىلەن شەرىئەت ئارىسىدا زىتلىق شەكىللەندۈرىدىغان ئاقىلانىلىقنىڭ ئاشقۇنلىقىدىن ھىمايە قىلىدۇ.

غەزالىي بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئەقىلنىڭ مىسالى: ئاپەت ۋە ئەزىيەتتىن ساغلام كۆزگە ئوخشايدۇ. قۇرئاننىڭ مىسالى: نۇر چاچقان قوياشقا ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى ھەقىقەتنىڭ بىرسىدىن بىھاجەت بولغان كىشى دۆتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق. چۈنكى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن كۇپايىلىنىپ ئەقىلدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قۇياشنىڭ نۇرىغا تەڭلەنگەن كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قارىغۇ ئادەمنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمايدۇ. شەرىئەت بىلەن ئەقىل نۇر ئۈستىدىكى نۇردىن ئىبارەت. (غەزالى«ئېتىقادتا ئوتتۇراھال بولۇش» 303-بەت)

«ئەقىل قەتئىي مۇمكىن ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان مەسىلىدە ۋەھىي ھۆججىتىنى باشقىچە ئىزاھلاش لازىم، ۋەھىيىنىڭ ئەقىلگە كەسكىن زىت  كېلىدىغان نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ».(يۇقىرىقى مەنبە،122-بەت)

«ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ھەقىقى شەرىئەت ئەقىل نەپرەتلىنىدىغان نەرسىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەقىل ھېس قىلالمىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. ئەقىلگە يىراق ئىش بىلەن مۇمكىن ئەمەس ئىشلار ئارىسىدا پەرق بار. ئەقىلگە يىراق دېگەن ئىش تونۇشلۇق بولمىغان نەرسىدۇر، مۇمكىن ئەمەس دېگەن نەرسىنىڭ پەيدا بولىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ» (غەزالىنىڭ رىسالىسى، 345-بەت).

يەنە:«ئەھل سۈننىڭ ئېتىقادىدا شەرىئەت بىلەن ئەقلى ھەقىقەت ئارىسىدا توقۇنۇش يوق. زاھىرىي ئېقىمنىڭ تەقلىدچىلىكتە تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇش ۋاجىپ دېگەن كۆز-قارىشى ئەقلىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان. بىر قىسىم پەيلاسوپلارنىڭ ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىدە چېكىدىن ئېشىپ، شەرىئەتنىڭ كەسكىن ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى بىلەن ئەقىلنى سوقۇشتۇرغانلىقى ۋىجدانىنىڭ نىجىسلىقىدىن بولغان. ھەر ئىككى تەرەپ پاراسەتتىن يىراق بولغانلاردۇر». (غەزالى:«ئېتىقادتا ئوتتۇراھال بولۇش» 2-بەت).

(5). مۇجتەھىد، فەقىھ، دوختۇر ۋە ئەقىدەشۇناس پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد (1126-1198م)ئىسلام ئاقىلانىلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«شەرىئەت مەۋجۇدىيەت مەسىلىلىرىدە ئەقىلنى ئېتىبارغا ئېلىشقا ۋە ئەقىل ئاساسىدا ئىزدىنىشكە چاقىرغان…شەرىئەت ھەق بولغانىكەن ۋە ھەقنى بىلىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىزدىنىشكە چاقىرغان ئىكەن، ئەقلى پاكىت شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە قارىشى تۇرۇشقا ئېلىپ بارمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەت ھەقىقەت بىلەن زىتلاشمايدۇ، بەلكى ئۇيغۇنلىشىدۇ ۋە قوللايدۇ.

ئەگەر ئەقلى پاكىت يەكۈنلىگەن ھۆكۈم كەسكىن بولۇپ، شەرىئەتنىڭ زاھىرىغا زىت كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا شەرىئەتنىڭ زاھىرىنى ئەرەب تىلى قائىدىسىدىكى تەۋىل(سۆزنى زاھىرىي مەنىسىدىن-دەلىل ئېتىبارى بىلەن- ئېھتىمالى بار بولغان ئاجىزراق مەنىگە يۆتكەش) گە ئاساسەن ئىزاھلايمىز.

شەرىئەت ھېكمەت(پەلسەپە)گە زىت دەپ قارىغانلار، نە شەرىئەتنىڭ، نە ھېكمەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلەر. شەرىئەت پەلسەپىگە زىت دەپ قاراش ئاساسىي يوق گەپ ۋە شەرىئەتتىكى بىدئەت سۆزدۇر، ياكى پەلسەپىدىكى خاتا كۆز- قاراشتۇر. ھېكمەت شەرىئەتنىڭ ھەمراھى ۋە قېرىندىشى. ئىككىسى خاراكتېرى بىلەن ھەمرا، ماھىيىتى بىلەن بىر بىرىگە دوست»(ئىبنى رۇشد: «پەلسەپە بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق بايان»، 22-23-بەتلەر).

(6). يەنە قارايدىغان بولساق فىقھى ۋە پەتىۋانىڭ پېشۋاسى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇجتەھىد ئالىم ۋە سەلەفي پەيلاسوپ، ئارستوتىلنىڭ لوگىكىسىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغۇچى ۋە پەلسەپە قاراشتىكى ئالاھىدە تەتقىقات ئىگىسى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە(1263-1328م)نىڭ ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى خۇلاسىلىغان(كەسكىن ئەقلى يەكۈننىڭ توغرا نەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنىڭ بايانى)ناملىق كىتابىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.

ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ:«كەسكىن ئەقلى يەكۈن دەپ تونۇلغان ئۇقۇمنىڭ سەھىھ نەقلى(ۋەھىي)ھۆججەتكە زىت كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىشلاردا سەھىھ ھۆججەتلەرگە قارىشى كەلگەن نەرسىنىڭ ئەقىل ئارقىلىق ئورۇنسىزلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان قۇرۇق گۇمان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم… كەسكىن ئەقلى يەكۈن ھەرگىزمۇ نەقلى ھۆججەتكە زىت كەلمەيدۇ. ئەگەر زىت كەلدى دېيىلسە، ھۆججەت ئويدۇرما ھەدىس ياكى ئاجىز دەلىل بولىشى مۇمكىن. كەسكىن ئەقلى يەكۈنگە قارىشى كەلگەن ئويدۇرما ھەدىس ياكى ئاجىز ھۆججەتنى دەلىل دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىز خەۋەر قىلمايدۇ، بەلكى ئەقىل توغرا قوبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى خەۋەر قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نەرسىنى خەۋەر بەرمەيدۇ. بەزىدە ئەقىل بىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەر بېرىدۇ»(كەسكىن ئەقلى يەكۈننىڭ توغرا نەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنىڭ بايانى،1-قىسىم، 83-بەت).

قايسى بىر سۆز شەرىئەتنى بەكرەك بۇزۇۋەتسە، ئەقىلنىمۇ بەكرەك بۇزۇۋېتىدۇ. ھەقىقەت بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالمايدۇ. پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتنى خەۋەر قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەقىقەتنى بىلىشكە تەبىئىلەشتۈرگەن. پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ تەبئىي خاراكتېرنى-ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەس-تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن:«ئۇلارغا بىز تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ» (فۇسسىلەت سۈرىسى، 52- ئايەت).

ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئىنسانلارغا ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋە ئىنساندىكى روشەن قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىمىز، دەپ خەۋەر بەردى، قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى دەپ بەردى. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ پاكىت ئۇقۇمى بىلەن ئەقلى پاكىت ئۇقۇمى ئۇيغۇن كېلىدۇ، شەرىئەتنىڭ نەقلى تەقەززاسى بىلەن ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈش تەقەززاسى دوستلىشىدۇ.(ئىبنى تەيمىيە: «سۈننەتنىڭ مېتودى» 82-بەت).

«ھەنەفى مەزھىپى، شۇنداقلا كۆپلىگەن مالىكى ۋە شافىئى مەزھەپتىكىلەر «ئەقىلنىڭ ياخشى ۋە يامان»دېگەن كۆز قارىشىنى ئالىمىز،دەپ قارىغان. بۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزىدۇر» (ئىبنى تەيمىيە، «پەتىۋالار توپلىمى» 8-توم،428-بەت).

ئىسلام ھەزارىتى گۈللەنگەن دەۋردىكى ئىسلام ئاقىلانىلىقى مانا مۇشۇنداق چاقنىغان. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھىپىدىكى تەپەككۇر مېتودى مۇشۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىدى. دېمەك، ئىسلام ھەزارىتىدىكى زاھىرىي ئېقىمدىن باشقا ئىدىيە ئېقىملىرىدا ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولغان.

 

كاشىغەرى