ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق ئىككى زۇلۇم ئارىسىدىكى ئادالەت
«ۋەسەتىيەت» (ئوتتۇراھاللىق) دېگەن ئاتالغۇ ئىدىيە، ھايات، تەپەككۇر ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتتە ئىسلام مېتودىنىڭ خاس خۇسۇسىيىتى سانىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئىسلام مېتودىنىڭ باشقا ئىدىيە ۋە پەلسەپە ئېقىملىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئىسلام ھەزارىتى بارلىق قىممەت-قاراش، ئۆلچەم، پرىنسىپ ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەردە ئوتتۇراھاللىق خاراكتېرىگە ئىگە.
ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ئىسلام مېتودى ۋە ھەزارىتىگە نىسبەتەن كۆزەينەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئىسلامنى مۇشۇ بىر خۇسۇسىيەت بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن.
ئىسلامدىكى ۋەسەتىيەت (ئوتتۇراھاللىق) ئىنساننىڭ تەبىئي، ساپ-سۈزۈك خاراكتېرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاددىيلىقى، چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى، چوڭقۇرلىقى ۋە ئىپادىلىشىنىڭ راستچىللىقىدا ئىنسان خاراكتېرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ دىننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىدۇر:«شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال يول تۇتقان ئۈممەت قىلدۇق» (بەقەرە سۈرىسى، 143-ئايەت).
ۋەسەتىيەت (ئوتتۇراھاللىق)ئىككى ناھەقچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقەتتۇر، ئىككى زۇلۇم ئارىسىدىكى ئادالەتتۇر، ئىككى تەرەپلىمە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىكى ئوتتۇراھاللىقتۇر. چېكىدىن ئېشىشنى رەت قىلىپ، ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ئوتتۇراھاللىق تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرگەن تەڭپۇڭ، ئادىل پوزىتسىيەدۇر.
ئىسلامدىكى ئومۇمى ئوتتۇراھاللىق قىيىنچىلىق ۋە كرىزىس ئالدىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك ۋە مەيدانسىزلىق قىلىش ئەمەس. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىگە مايىل بولمايدىغان كەسكىن پوزىتسىيەدىن ئىبارەت. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق بىر كۆز بىلەن كۆرۈشنى رەت قىلىدۇ.
ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق ئىككى زۇلۇم ئارىسىدىكى ئادالەتتۇر. رەسۇلۇللاھ: «ۋەسەتىيەت دېگەن ئادىللىقتۇر» دېگەن(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئادىل بولۇش لىللا مەيداندا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئادىللىق ياكى ئوتتۇراھاللىق رېئاللىققا باش ئېگىش مەقسەت قىلىنىۋاتقان پاسسىپ مەزمۇندىكى مۆتىدىللىكتىن تولىمۇ يىراق.
ئىمام بۇخارىنىڭ ھەدىسىدە:«رەسۇلۇللاھغا ئىسلام توغرىسىدا ئىككى ئىش ئىختىيارلىق بېرىلسە، گۇناھ بولمىسا ئاسان ئىشنى تاللايتتى، گۇناھ بولۇپ قالسا ئۇ ئىشتىن بەك يىراق تۇراتتى»دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىستىكى «گۇناھ»رەت قىلىنىدىغان زۇلۇم، ناھەقچىلىق ۋە چېكىدىن ئاشقانلىقتۇر. شۇنداقلا ئادىللىق، ھەقىقەت، ئاسانچىلىق ۋە ئوتتۇراھاللىقتىن بۇرۇلغانلىقتۇر.
ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق بىر-بىرىگە زىت بۆلىنىش ۋە پارچىلىنىشتىن ساقلايدىغان نىجاتلىق كىمىسىدۇر.
ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق ئىسلام تەسەۋۋۇرىدا:روھ بىلەن ماددا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، دىن بىلەن دۆلەت، شەخس بىلەن ئۈممەت، ئىدىيە بىلەن رېئاللىق، ماتېرىيالىزم بىلەن نەمۇنىلىك، مەقسەت بىلەن ۋاسىتە، ئۆزگەرمەيدىغان مەسىلىلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر، كونا بىلەن يېڭى، ئاساسىي مەسىلە بىلەن تارماق مەسىلە، ئەقىل بىلەن نەقىل، خاسلىق بىلەن خەلقئارالىق، ھەق بىلەن كۈچ- قۇۋۋەت، ئىزدىنىش بىلەن تەقلىدچىلىك، دىن بىلەن پەن، ئومۇملۇق بىلەن خاسلىق ئارىسىنى…بىرلەشتۈرىدىغان مېتودتۇر.
مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئومۇمى ئوتتۇراھاللىقى، ساپ-سۈزۈك ئىسلام خاراكتېرى، ئىسلام مېتودىنىڭ خاراكتېرى ۋە تەسەۋۋۇر بەلگىلىرى ئۈچۈن ئەينەكتۇر.
كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
دەۋەت بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق
دەۋەت يولىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار
ئۆلىمانىڭ ۋەزىپىسى