مۇستەملىكىنىڭ پىلانى جەڭنى ئۆز مەنپەئەتى تەرەپكە بۇرۇۋېتىش
شارائىت ۋە ھادىسىلەر مۇستەملىكىگە قارشى ھەر تەرەپتىن بىردەك كۆرەشكە يۈزلەنگەندە، مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىلار قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان كۈچلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە ئورۇنسىز رىقابەت پەيدا قىلىپ، ئۆز ئارىسىدا بىر بىرىنى ئاۋارە قىلىش ئۈچۈن پارچە- پۇرات جەڭ مەيدانلىرىنى ياساپ چىقىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەملىكىگە قارشى يۈزلىنىۋاتقان ياكى يۈزلىنىشى كېرەك بولغان جەڭ مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مەھكۇم خەلقلەر ئارىسىدىكى ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىچكى جەڭگە ياكى جېدەلگە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
مۇستەملىكىچىنىڭ بۇ نىشانى مۇستەملىكە ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك نىشاننى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ:
بىرىنچى، مۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان كۈچلەرنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئىدېئولوگىيە سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەشتۈرۈۋېتىدۇ ياكى باشقا تەرەپكە يۈزلەندۈرۋېتىدۇ.
ئىككىنچى، مۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان كۈچلەرنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.
بىرىنچى نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئى، چۈنكى دۈشمەن ھەر ۋاقىت قارشى كۈچلەر ئارىسىدا ئىچكى تالاش- تارتىش ۋە پارچە- پۇرات جېدەللەر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. دۈشمەنگە قارشى يۈزلەنگەن جەڭ ھەر تەرەپتىن بىر پۈتۈنلىگىنى يوقاتقاندا، جەڭ مەيداندىكى كۈچلەر مەنىۋىيىتىنى ۋە كۆپچىلىك نەزىرىدىكى ھۆرمىتىنى ئاستا –ئاستا يۈتتۈرۈپ قويۇشقا باشلايدۇ.
دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن بىر پۈتۈنلۈكنى شەكىللەندۈرگەن مەزگىل تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
دۈشمەنگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەڭ ياكى ھەرىكەت مۇشۇنداق داۋاملاشقاندا مۇقەددەسلىك سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالالايدۇ، بۇ سەۋىيە ئىدېئولوگىيە سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى كۆسىتىپ بېرىدۇ. بىراق دۈشمەنگە قارشى بولۇۋاتقان جەڭ ياكى ھەرىكەت ھەر تەرەپتىن بىر پۈتۈن بولۇشتەك ئومۇمىيلىقىنى يوقاتقاندا، يۇقىرىقى سەۋىيەدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن دۈشمەنگە قارشى كۈچلەر ھەر تەرەپتىن ئومۇميۈزلۈك كۈرەش مەيدانى شەكىللەندۈرۈش ئورنىغا ئۆز ئارىسىدا پارچە-پۇرات ياكى تارماق كۈرەش مەيدانلىرىنى شەكىللەنگەندۈرۈپ ئولتۇرغاندا، جەڭ ئارقىغا چېكىنىشكە ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. روھىي سەۋىيە تۆۋەنلەپ كەتكەندە ياكى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە قارشىلىق بىلدۈرۈش كۈچلىرىنىڭ پارچىلىنىشقا قەدەم قويىدىغانلىقى مۇقەررەر نەتىجىدۇر.
(جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۇر مالىك نەبىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر)
ئابدۇراھمان كاشىغەري
2019- ماي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
توغرا پىكىرنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئۆچمەنلىك كۆرۈنۈشلىرى
ئويغىنىش ھەرىكىتىنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئالامەتلىرى