دەۋەتچى ۋە سىياسەتچى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ
دىنىمىزدا دەۋەتچى دېگەن مىللەتنىڭ سوقۇۋاتقان يۈرىكى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان روھىي ۋە سىياسەتنى چۈشىنىدىغان ئەقلىدۇر.
سىياسەتچى دېگەن كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زېرەكلىك، نامايان بولۇپ تۇرىدىغان ھېكمەت، تەسىر كۆرسەتكۈدەك قارار ۋە مۇسۇلمانلىقىنىڭ قىممەت قاراشلىرى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان يۈرەكتۇر.
دەۋەت زېرەك ئەقىللەرنى يېتۈشتۈرۈپ چىقىدىغان، قەلبلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ساغلام جەمئىيەت شەكىللەندۈرىدىغان ئاساستۇر.
سىياسەت پىرىنسىپ ئاساسىدا پايدا- مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، كىملىكنى قوغدايدىغان ھەمدە ئەقىدە، جان، ئەقىل، ئىززەت- شەرەپ، مال- مۈلۈك، ھۆرلۈك ۋە ئادالەتنتىن ئىبارەت شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر.
دەۋەتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ئادەملىرى بولىدۇ، شۇنىڭدەك سىياسەتنىڭمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ئادەملىرى بولىدۇ. دەۋەتچى بىلەن سىياسىيوننىڭ ھەر ئىككىسى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، چۈنكى دىنىمىزدا سىياسەت بىلەن ئەقىدە بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ ھەم بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ.
دەۋەتچى قۇرئان- سۈننەت تارازىسى، رېئال شارائىت ۋە پايدا -زىيان ئۆلچىمى ئاساسىدا ھەرىكەت پىرىنسىپىنى ۋە مېتودىنى بايان قىلىدۇ، پىكىر ئىشلەپچىقىرىدۇ. كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا ئۇيغۇن ھالدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان يول خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سىياسەتچى بولسا ئۇنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنىڭ تەتبىقلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
سىياسەتچى پىرىنسىپ، كىملىك ۋە قىممەت قاراش ئاساسىدا قارار قىلىدۇ. دەۋەتچى كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا ئۇيغۇن بولغان قارارنى قوللايدۇ.
بەزىدە دەۋەتچىنىڭ سۆزى ۋە ئىشلەپچىقارغان پىكىرلىرى سىياسەتچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرىكىتىدىن تەسىرلىك بولىدۇ.
بەزىدە سىياسەتچىنىڭ پىرىنسىپ ۋە پايدا- زىيان ئاساسىدا ئالغان قارارى دەۋەتچىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە ۋەزلىرىدىن تەسىرلىك ۋە پايدىلىق بولىدۇ.
خالىسىڭىز دەۋەتچى بولۇڭ ياكى سىياسەتچى بولۇڭ. لېكىن ئىقتىدارىڭىز يەتكەن، جەمئىيەتكە پايدا يەتكۈزەلەيدىغان ۋە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن سىياسىي پىرىنسىپ ۋە بىر پۈتۈن كىملىك خەرىتىسى ئاساسىدا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان ساھەدە خىزمەت قىلىڭ.
دىنىمىزدا دەۋەتچى بىلەن سىياسەتچىنىڭ تەسىرىنى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بەلگىلەيدۇ:
1. ئىش-ھەرىكەتتىكى نىشان- غايە ۋە سەمىمىيلىك.
2. ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئۆلچەملىك بولۇشى.
3. كەسىپتىكى ماھارەت ۋە ئىجادچانلىق قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي
2021- ماي