تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قانداق پۇختلىنىدۇ؟
شەخسلەر ۋە تەشكىلات يېتەكچىلىرىنىڭ نەپسىنى پاكلاش ئەھۋالى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاساستۇر. تەشكىلات يا تەقۋالىق ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈستىدە قۇرۇلىدۇ ياكى يۇقىرىقى سۈپەتنى ھازىرلىماي يىقىلاي دەپ قالغان ھاڭ ئۈستىدە قۇرۇلىدۇ. تەشكىلاتنىڭ تېز شەكىللىنىشى ۋە ھەجمىنىڭ كەڭلىكى مۇھىم مەسىلە ئەمەس، ئەسلىي مۇھىم بولغان مەسىلە تەشكىلات بېسىۋاتقان قەدەملەرنىڭ كىملىك، قىممەت قاراش ۋە سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىدۇر.
قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «ئاللاھ … بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ» دېگەن .
بۇ ئايەتتە ئىلاھىي بايان قەلبنى پاكلاشنى بىلىم – مەرىپەتنىڭ ئالدىغا قويغان، چۈنكى ئەخلاق تەربىيەسى كوللېكتىپنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىنىپ كېتىش ۋە بۆلۈنۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان بېتوننىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەخلاق تەربىيەسى ئىشلەنمىگەن تەشكىلات ياكى كوللېكتىپ پارچىلىنىش، بۆلۈنۈش ۋە چۇۋۇلۇپ كېتىشكە ھەر زامان دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى بەزى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە باشقا پىكىردىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتا قىلىۋاتقان ئەدەپسىزلىكى، بىلەرمەنلىكى، سېسىق گەپلىرى، قوپاللىقى ۋە تەكەببۇرلۇقى ئۇلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى كۆرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇلار بىلەن ئازغىنە سۆھبەت ئېلىپ بارسىڭىز سىزنى يا كاپىرغا چىقىرىدۇ، ياكى يالغانچى ياكى مەيدانسىز، ياكى ئاپتونومىيەچى… دېيىشكە ئالدىرىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
بۇلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىدىن يىراق قالغانلىقى سەۋەبلىك بۈيۈك ئالىملارغا تىل ئۇزىتىشى، ئۇلارغا ھاقارەت قىلىشى، ئۇلارنى ياراتماسلىقى ۋە مۇتەكەببۇرلۇق قىلىشى ئاددىي ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇلارنىڭ ئالىملارنىڭ ئەيىبلىرىنى كولاش ۋە ئۇلارنى قەبىھ سۈپەتلەر بىلەن ئەيىبلەش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. خۇددى بۇلاردا ئەخلاق تەربىيەسى قۇرۇپ تۈگەپ، تەشكىلات تەربىيەسى ئۈستۈن كېلىپ كەتكەندەك ھالەت مەۋجۇت.
بۇ سەۋەبتىن، ئىشنى رەسۇلۇللاھ باشلىغان قەلبنى پاكلاش تەربىيەسىدىن باشلاش ھەمدە تەشكىلات يېتەكچىلىرى ئەزالىرىنى ئىسلام ئەخلاقىدا تەربىيەلەش ئۈچۈن مېتودلىرىغا قايتا – قايتا قاراپ چىقىشى لازىم.
دۈشمەنلەر زېمىنىمىزنى بېسىۋالغان بولسا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى قەلبىمىزنى بېسىۋالدى. مىللەت پەرۋەردىگارىغا پاك قەلبى بىلەن قايتمىسا، ئاللاھ بۇ مىللەتنىڭ مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. قەلبىمىز ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنياغا دۈم چۈشكەن بولسا، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2020- ئاۋغۇست