قېرىنداشلىقنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟
كۆزقاراش مەسىلىلىرىدە بەزىلەر قوشۇلىدۇ، بەزىلەر قوشۇلمايدۇ. ئىشنىڭ مۇنداق بولۇشى بۇ تەبىئىي ئەھۋال، بۇنىڭدىن ئىچىمىز سىقىلسا بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ نۇقتىدا شەيتانغا ياردەم بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىسلاھ قىلىش مۇمكىن بولغان دائىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. شەرئى ۋە ئەقلىي جەھەتتىن كەسكىن بولغان مەسىلىلەرنىڭ سىرتىدا، كۆزقاراشلار، تەھلىللەر ۋە تەكلىپلەر كىمدىن چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆڭلىمىزگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن توغرا ياكى خاتا بولۇشى، قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ كۆزقاراشلار ئىلاھىي ۋەھىيى بولمىغانلىقى ئۈچۈن توغرا ياكى خاتا بولۇشى تەبىئىي.
2. ئىنسانىي پىكىرلەرنى ۋە كۆزقاراشلارنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش مەسىلىسى نادانلىق، مۇتەئەسسىپلىك، تەكەببۇرلۇق ۋە نەپسى خاھىش ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئاڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
3. مەرىپەت مەيدانلىرى كەسىپلىشىپ كەتتى، ھەر ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بار. شۇڭا، بۇ ساھەلەر ھەممە ئادەم ئارىلىشىۋالسا بولىدىغان ساھە ئەمەس. بولۇپمۇ شەرئى كۆرسەتمىلەر ساھەسى ۋە كەسكىن ئەقلىي يەكۈنلەر ساھەسىگە ھەممە ئادەم ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار» دەيدۇ (نەھل: 43 – ئايەت).
4. ھەر ساھەگە ئەھلى بولمىغان، ئىشنى جايىدا قىلالمايدىغان، بىلمەيدىغان تۇرۇپ ئارىلىشىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلامىي ئىلىم – مەرىپەتلەر ساھەسىگە ئەھلى بولماي تۇرۇپ ئارىلىشىۋالغان ئادەملەر ئاز ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلىمالار بىر-بىرلەپ ۋاپات قىلىپ ئۆلىما قالمىغاندا، كىشىلەر نادان ۋە ئاڭسىز كىشىلەرنى يېتەكچى قىلىۋالىدۇ، بۇلارغا بىرەر مەسىلە ھەققىدە سوئال تاشلانسا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىۋېرىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ» دېگەن (بۇخارى بايانى).
5. خاتالىشىپ قېلىش ۋە توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىش ھەرقانداق ئىنساندا يۈز بېرىشى مۇمكىن. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «پەرۋەردىگارىم، بىزنى توغرا يولغا باشلىغاندىن كېيىن قەلبىمىزنى ئازدۇرۋەتمىسىلە»» (ئال ئىمران: 8 – ئايەت) دەپ دۇئا قىلىشقا يول كۆرسەتكەن. شۇڭا، ھەر بىرىمىز ئازغۇنلۇق، پىتنە- پاساتتىن ساقلىنىش ۋە توغرا يولدا ياشاش ئۈچۈن ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلماي ئامال يوق.
6. ھەر ساھەدىكى پىكىر ساھىبلىرى: «مۆمىنلەر قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات: 10 – ئايەت) دېگەن پىرىنسىپقا رىئايە قىلىشى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىدۇر.
ھەربىرىمىز بۇزۇش تەرەپدارى بولمايلى، ئىسلاھ قىلىش تەرەپدارى بولايلى، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشقا ھەسسە قوشمايلى. بىرسى بىلەن رەنجىشىپ قالغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ ۋەتەن- مىللەت كۈرىشىگە زىيان سالمايلى، كىچىك مەسىلىنى چوڭايتمايلى، شەخسى مەسىلىنى كوللېكتىپ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋالمايلى. ئىككى شەخس ئۆز ئىچىدە ئايرىم ھەل قىلىۋالسا بولىدىغان پارچە مەسىلىلەرنى تور دۇنياغا سۆرەپ چىقىپ باشقىلارنى مەشغۇل قىلمايلى. ئىجتىھادىي بىر مەسىلە سەۋەبىدىن ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەيلى.
دۈشمىنىمىز بىر، خاپىلىقىمىز بىر، كۈچىمىزنى تارماق مەسىلىلەردە خورىتىپ تاشلىماي، سىياسىي ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، قېرىنداشلىقىمىزنى قوغداپ، پۈتۈن كۈچىمىزنى دۈشمەنگە قارىتايلى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
2021- يىلى