كىملىك ۋە قىممەت قاراش ياكى مەنىۋىيەت تەرەپتىن كەلگەن زۇلۇم ماددىي جەھەتتىن كەلگەن زۇلۇمدىن ئېغىر بولىدىكەن.
«جاھالەتتە قالدۇرۇش» زامانىدىكى ماددىي زۇلۇم مەنىۋى زۇلۇمدىن ئېغىر بولغان.
ئەمما بۈگۈنكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇم قورساقنى ئاچ قويمىسىمۇ، مەنىۋىيىتىمىزنى قاتتىق ئاچ قويماقتا، كىملىكىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ تاشلىماقتا.
مەنىۋىيەت ياكى قىممەت قاراش ئىسلاھ بولماي تۇرۇپ، ماددىي ھاياتىمىز نورمال ھالەتكە كەلمەيدۇ.
ئىدىيەمىزنى ئىسلاھ قىلىش غەلىبە ۋە ھۆرلۈكنىڭ ئاچقۇچىدۇر…
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.
2018- دېكابىر .