ئائىلە، مەدرىسە، مەركەز ۋە كۇرسلاردا دۆلەت بايرىمى قانداق خاتىرىلىنىدۇ؟
بىز ئۇيغۇر مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇسۇلمان مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، ئەقىدىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، قىممەت قاراشلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى، نېمە ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.
بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئەجدادلىرى قۇرۇپ چىققان ئىككى قېتىم قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ، بۇ دۆلەتلەرنى كىملەرنىڭ قۇرغانلىقىنى، قانداق ئىدىيە بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىسمىنى، بايرىقىنى، دۆلەت گىرىبىنى، دۆلەت مارشىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى بالىلىرىمىزغا ئاڭلىتىشىمىز ۋە بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمىز ھەم بالىلارنى قاتناشتۇرۇش دىنىي، مىللىي، ئەخلاقى ۋە سىياسىي نۇقتىدىن مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيەتتۇر.
دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلاردەك ھۆر ۋە ئەركىن ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بالىلارنىڭ قايسى كەسىپلەردە نېمىلەرنى ئۆگىنىش لازىملىقىنى، مىللەت پەرزەنتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈستىمىزدە ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتكە قانداق مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى… بالىلارغا بىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىشىمىز لازىم.
بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىن بەكرەك يېقىنقى زامان تارىخىدا دۆلىتىنىڭ ئىككى قېتىم تۇغۇلغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك كەسىپلەردە بەك ياخشى ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ، بۇ كۈندە مەدرىسىلەردە بولسۇن، مەكتەپلەردە بولسۇن، كۇرسلاردا بولسۇن، مەركەزلەردە بولسۇن ۋە ئائىلىدە بولسۇن ئالاھىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا بۇ ئاڭنى سىڭدۈرۈش بەك مۇھىم.
بالىلىرىم، مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ ئىپادىسى بولغان دۆلەتنى يېڭىدىن ساغلام قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئاڭلىق ۋە ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى ۋە ئەقىدە، ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قەدىرلىك بالىلار، قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز قۇرغان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق دۆلىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ۋە سىلەرنىڭمۇ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق يولىدا مېڭىپ ساغلام دۆلەت قۇرۇشۇڭلارغا نېسىپ بولسۇن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.