ئاللاھنىڭ سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟
بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردىكى ئارقىدا قېلىش، تۇرغۇنلۇق ۋە ھەزارەت ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانلارنىڭ ھورۇنلۇقى، بوشاڭلىقى، ئارزۇ بىلەن كۇپايىلىنىپ قالغانلىقى، ھەزارەت يارىتىش سەۋەبلىرىنى قىلماسلىقى ۋە غەلىبە ئامىللىرىغا رېئايە قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلماقچى، يۇرتىنى گۈللەندۈرمەكچى ۋە تەرەققى قىلدۇرماقچى بولسا ئاللاھ كائىناتتا ئورۇنلاشتۇرغان سەۋەب قانۇنىيەتلىرىنى قوللانسۇن. چۈنكى تەرەققىياتنىڭ ئۆلچىمى سەۋەب-چارىسىنى قىلىشتۇر. كىم ئىمان ئېيتىپ سەۋەب قىلسا دۇنيانىڭ ياخشىلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ گۈزەل ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. كىم ئىمان ئېيتماي سەۋەب قىلغان بولسا دۇنيانىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلماندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا ئالاقىدار قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش زۆرۈر دىنى مەجبۇرىيەت بولۇپ دىننى بىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر، چۈنكى ئىلاھى قانۇنىيەتلەر ھاياتلىقتا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىپ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىشى لازىم. سەۋەبمۇ ئاللاھ ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ۋە بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن، مۇسۇلمان سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولسا ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ھەر بىر نەرسىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن تەلەپ قىلىش تەۋەككۇلچىلىك قىلغانلىقتۇر. شۇنداق بولغاندا ئىنسان تەۋھىدنىڭ تەقەززاسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، بەلكى تەۋھىد بىلەن سەۋەب قانۇنىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد غەزالى:«مۇسۇلماننىڭ ئېڭىدا تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن سەۋەب قىلىش ئارىلىقىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. سۇسلۇق قىلغۇچىلار تەۋەككۇل قىلدۇق دەپ ئويلاپ، سەۋەب-چارىسىنى قىلمايدۇ. نەتىجىدە كەمبەغەللىك، كېسەللىك، نادانلىق، ئاجىزلىق ۋە زېمىندا خار بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ياۋروپاغا قارىساق ئۇلار ئىشلارنىڭ سەۋەب-چارىسىنى قىلىپ، ماددى جەھەتتە زور مىقداردا نەتىجە ياراتقان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئىككىلىنىش، ئىزتىراپ بولۇش، نېرۋا ۋە پىسخىكا كېسەللىكى، ساراڭلىق ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش..كە ئوخشاش ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە» دەيدۇ (ئىماننىڭ ئاساسلىرى، 408-بەت).
بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن كېچىكىپ ئارقىدا قالغانلىقى ئۇلارغا چۈشكەن زۇلۇم ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇنۇتقان، قەدر-قىممىتىنى تونۇمىغان، بىلىم-مەرىپەت ۋە خىزمەت ساھەسىدە خام خىيالغا پاتقان، يېتەكچىلىك قىلىش سەۋەبلىرىنى قىلىشتىن غاپىل قالغان، ئاللاھنىڭ سەۋەب- نەتىجىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلىرىگە قاراپ چىقىشتىن سەل قاراپ، شارائىت ۋە كەلگۈسىنى ئىسلاھ قىلىشنى قۇرۇق ئارزۇ ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، دەپ قارىغان قوۋمنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر:«بۇ ھالەت سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 182-ئايەت).
پۈتۈن سەۋەبلەردىن يىراقلىشىش ھېكمەتكە زىت ۋە ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلمىگەنلىكتۇر. ئاللاھقا تايىنىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىش تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان پۈتۈن سەۋەبنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەۋەبنى ياراتقۇچى ئاللاھقا تايىنىشى لازىم.
سەۋەب-چارە قانۇنىيىتى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمى قانۇنىيەت، ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۈز بېرىدىغان مۇكاپات ياكى جازامۇ سەۋەب قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك. جەننەتكە ئېرشىش ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش سەۋەبىگە، دوازختا ئازابلىنىش كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبىگە چېتىشلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرت ۋە مەقسەتنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن سەۋەب-چارىسىنى تولۇق قىلىش ۋە توسقۇنچى ئامىللاردىن ساقلىنىش لازىم. دېمەك، سەۋەب-چارىسىنى تولۇق قىلمىسىڭىز، شەرتلىرىنى تولۇقلىمسىڭىز ۋە توسقۇنچى ئامىللىرىدىن ساقلانمىسىڭىز نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى سەۋەبنى ياراتقۇچى ئاللاھ نەتىجىنى سەۋەبكە باغلاپ قانۇنىيىتىنى جارى قىلدۇرغان.
سەۋەب قىلىش ئارقىلىق نەتىجىگە يېتىشتە بارلىق كىشىلەر ئوخشاش:«(ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب)سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ. ئەر-ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ(يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كىمەيتىۋېتىلمەيدۇ)»(نىسا سۈرىسى، 123،124-ئايەت).
نەتىجىگە يېتىشتە سەۋەب قىلماسلىق گۇناھ سانىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«پايدىلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگىن، ئاللاھدىن مەدەت تىلىگىن، بوشاڭلىق قىلمىغىن» دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى). ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىلماسلىق ئاجىزلىق ۋە بوشاڭلىقتۇر. سەۋەب قىلماسلىق بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەقىل ئۈچۈن خەتەر، سەۋەبىنى قىلماسلىق ئەقىلدىكى نۇقسان ۋە شەرىئەتنى خاتا چۈشەنگەنلىكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي