ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرگە قارىتا مۇئامىلە قىلىش مېتودى
ھادىسىلەر بىلەن مۇقەددىمىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنى ھېس قىلىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش مېتودىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئىدىيەنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىش، پىكىر قىلىش ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇماتقا ئىگە بولغان بىلەن مۇئامىلە قىلىش مېتودىغا ئىگە بولغانلىقنىڭ ئارىسىدا پەرق بار. مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئادەم بىر پارچە ئالتۇنغا ئىگە بولغانغا ئوخشايدۇ، توغرا مۇئامىلە قىلىش مېتودىغا ئىگە بولغان ئادەم ئالتۇن كاننىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.
مېتودغا ئىگە بولۇش رىتىملىك پىكىر قىلىدىغان ئەقىلگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ. مېتودغا ئىگە بولمىغان ئەقىللەردە بولسا، مەلۇماتلارنىڭ توپلىشىپ قېلىشى تۈرگە ئايرىلمىغان ۋە ئىشلىتىش قوللانمىسى يوق دۆلىنىپ قالغان دورىلارغا ئوخشايدۇ. ساغلام مېتودغا ئىگە ئەقىللەرگە يېڭى پىكىر ۋە يېڭى مەلۇماتلار كىرسە، ئۆز ئورنىدا ئاپتۇماتىك رەتلىك تىزىلىپ، يېڭى پىكىرلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن قارشىلاشقىلى بولمايدۇ، ئۇ قانۇنىيەتلەر يېڭىلىپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىش لازىم. ئىلاھى قانۇنىيەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ساغلام مېتود تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردا خۇلاسىلىنىدۇ:
بىرىنچى:بۇ قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش.
ئىككىنچى:ئۇ قانۇنىيەتلەر بىلەن سوقۇشماسلىق.
ئۈچىنچى:بۇ قانۇنىيەتلەرنى تەتبىقلاش.
تۆتىنچى: ئۇ قانۇنىيەتلەرنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش.
1.ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش:
چۈشىنىش دېگەن ئىشلارنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى بىلىش، مەقسەتلىرى ۋە چوڭقۇرىغا يېتىش ۋە ئىللەت-سەۋەبلىرىنى تونۇش دېگەن بولىدۇ. چۈشىنىش قەلبىگە تەۋە ئىش-ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئىشلارنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق قەلبىنى پاكلاش لازىم. كائىناتتىكى ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ۋە ھاياتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلار ھادىسىلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىگە چوڭقۇر چۆكمەيدۇ. مەسىلەن، بۇلار بېخىللىقنى بايلىقىمىزنى ئاياپ قالغانلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، بەخت-سائادەتنى بولسا بەدەننى نەپسى خاھىش ۋە شەھۋەتلەر بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇش دەپ قارايدۇ. كائىنات ۋە ھاياتتىكى ئىلاھىي قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنگەن ئادەم تەييارلىق ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئازلىقىدىكى نۇقساننى تولدۇرۋالىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئىلاھىي قانۇنىيەتلەردىن پايدىلانغان، ھېكمەت ئورۇنلىرىنى چۈشەنگەن ۋە قېيىن شارائىتلاردا مۇشۇ چۈشەنچىلىرى بىلەن پايدىلانغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى خېلى كۆپ. مەسىلەن، تالۇتنىڭ قوشۇنى سانى ئاز بولسىمۇ، ئىمانى كۈچلۈك ئىدى. بەقەر سۈرىسى 245- 252-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىكتە تالۇتنىڭ قوشۇنى يېتەكچىنىڭ تەدبىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم تازىلاشقا دۇچ كەلگەن. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلار مال-دۇنيانىڭ كۆپلۈكى يېتەكچىلىك قىلىشقا لاياقەتلىك قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغاندا قۇرئان كەرىم رەددىيە بېرىپ:«پەيغەمبىرى: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە پادىشاھ قىلىشقا ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى»دېدى(بەقەر سۈرىسى،247-ئايەت).بىلىم-مەرىپەت ۋە چۈشىنىش تالۇتتىكى ئالاھىدىلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنگەنلىكى ئېتىبارغا ئالىدىغان ئىش ساننىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس سۈپەت بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ئاز بولسىمۇ سۈپەتلىك بولغان مۆمىنلەرگە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلاپ باردى. ئاللاھنىڭ نۇسرىتى مۇشۇلاردەك كىشىلەرگە چۈشىدۇ، ئاللاھ كىمگە ياردەم بەرسە، ھەر قانداق بىر كۈچ ئۇنىڭدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. مانا بۇ تالۇت غەلىبە قىلغان تەڭلىمە ۋە تارىخ بويى غەلىبە-نۇسرەت قانۇنىيتىدۇر.
2.ئىلاھى قانۇنىيەتلەر بىلەن سوقۇشماسلىق:
بەزىلەر ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرنى بىلمىگەنلىكى ياكى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىگە مۈشكۈل پەيدا قىلىۋالىدۇ. مەسىلەن:
(1).جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆز-قاراشنىڭ تەبىئىي شەكىلدە ئوخشىماسلىقى ئارتۇقچىلىقتۇر. چۈنكى كۆز-قاراشنىڭ تۈرلۈك بولىشى پىكرى بايلىق ۋە ئۆز-ئارا تاكامۇللۇق تەقەززالىرىنىڭ قاتارىدىن. شۇڭا بۇ قانۇنىيەتلەر بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىش باشقىلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋە كۆز-قاراش ئوخشىماسلىقىنىڭ يامان كۆرۈشكە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا يامان كۆرۈشۈش شەرىئىتىمىزدە چەكلەنگەن قىزىل سىزىق. بىر-بىرىنى يامان كۆرۈش تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئاندىن مەغلۇب بولۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى. كۆز-قاراش ئوخشىمىغاندا سەۋر قىلىش بىر-بىرىنى يامان كۆرۈش، ئاندىن تالاش-تارتىش قىلىش ئاندىن مەغلۇب بولۇش باسقۇچىغا بېرىپ قېلىشتىن ساقلىغۇچى ئامىل.
كۆز-قاراش ئوخشىمىغاندا توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك يولى بار. بىرى مۇكەممەللىك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىرى تالاش-تارتىش، مەغلۇب بولۇش ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ئۈممەتنى يەپ كېتىشىگە قىزىقتۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىزگە كۆز-قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن بەزى جەڭلىرىدە ساھابىلىرىنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ مېتود ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى كۈچلۈك ئادەم بولۇپ خىزمەتكە يارايدۇ، يەنە بىرى باي ئادەم بولۇپ چىقىم قىلىشقا يارايدۇ، يەنە بىرى كەمبەغەل ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇپ ئىشقا يارايدۇ. بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن پايدىلىنىدىغان ئىدى.
(2).سەۋەب-چارە قىلىش نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ، شۇنداقلا ئومۇمى ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ھەر بىر نەتىجە مۇقەددىمىسىگە باغلىق:«كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ» (تالاق سۈرىسى، 2-ئايەت). كائىناتتا تاسادىپىيلىققا ئورۇن يوق، بەلكى نەتىجىگە باشلاپ بارىدىغان سەۋەبلەر بار. تاسادىپىيلىق دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە ئەمەلىيەتتە كىشىلەر سەۋەبىنى بىلمەيۋاتقان ھادىسىدۇر. مۇسۇلمان سەۋەب قانۇنىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، قەلبى پەقەتلا سەۋەبكە باغلىنىپ قالماستىن، بەلكى نىشاننى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشى لازىم.
(3).سەۋەب قىلماسلىق ياكى سەۋەبلەرگە سەل قاراشمۇ مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. ئاللاھ مۆمىننى سەۋەب-چارە قىلغاندىلا يۆلەيدۇ.
بۇ يەردە قانۇنىيەت بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشنىڭ ئۈچ رايونى بار بولۇپ، بۇ رايونلارغا يېقىنلىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ، بۇ رايونلار بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك. بۇ رايونلار:«ھىيلە-مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ»(فاتىر سۈرىسى،43-ئايەت). «ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزەڭلارغا بولىدۇ»(يۈنۈس سۈرىسى، 23-ئايەت). «كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ»(فەتھى سۈرىسى، 10-ئايەت).
خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ھىيلە-مىكىر قىلىش، ئاجىزلارغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە كېلىشىمنامە تۈزگەنلەر بىلەن كېلىشىمنامىنى بۇزۇش ناچار ئىستىل بولۇپ، شۇ ئادەملەرنى ئىلاھى قانۇنىيەتنىڭ جازالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ.
ئاللاھنىڭ ھىيلە-مىكىر قىلغۇچىلارغا قارىتا بىكىتكەن قانۇنىيىتى شۇكى ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرى پايدا بەرمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئەقىللىق ئادەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلاھى قانۇنىيەت بىلەن سوقۇشۇپ قېلىش ساھەسىگە كېرەمدۇ؟ زۇلۇم ۋە زالىملار مەسىلىسىدە ساختا ئابرويىنى رازى قىلىش ياكى زالىم سۇلتاندىن قورقۇش ياكى پارىخورلۇق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن سوقۇشۇپ قالغانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىپ، ئاللاھقا خىيانەت قىلغانلاردۇر، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى پەيدا قىلىۋالىدىغانلاردۇر.
كىشىلەر شەرىئەتتىن چەتنىگەن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە پسەنت قىلمايدىغان ۋە ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئاۋازلىرى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان زاماندا ئاللاھنىڭ ئومۇمى جازالاش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ:«ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ(جازاسىنى)ئۇلارغا تېتىتتى»(رۇم، 41-ئايەت).
نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەدرىجى يول تۇتۇش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر، بىراق ئالدىراڭغۇلۇق ئىنساننى تەبىئىي باسقۇچلۇق يولنى قىسقارتىشقا ئىتتىرىدۇ، بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ نەسىھىتىدىن غاپىل قالماقتا. رەسۇلۇللاھ: «بۇ دىن چىڭ دىن، ئاستا-ئاستا ئىچكىرىلەپ كىرگىن» دېگەنىدى. ئىنسان ئۆزىگە بېسىم قىلىپ، بۇ تەدرىجى قانۇنىيەت بىلەن سوقۇشۇپ قالسا، يولدا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ ياكى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئاز بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇش بىراقلا كۆتۈرەلمەيدىغان كۆپ ئىشتىن ئەۋزەلدۇر.
3.ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنى تەتبىقلاش
قانۇنىيەتلەرنى ئىشلىتىشتىن مەقسەت، بۇ قانۇنىيەتنىڭ مۇقەددىمىلىرىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق شارائىت ھازىرلاشنى كۆرسىتىدۇ.
(1).بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى:
ئىسلام دىنى بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتىنى يولغا قويدى، ئۇ تۈرلۈك ئېقىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا پىكرى، ئىجتىمائىي ھەرىكەت بولۇپ، توقۇنۇش ئەمەس. توقۇنۇشتا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى يىقىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىمە بولۇش، چىقىشىپ ياشاش ۋە سۆھبەتلىشىش يوققا چىقىدۇ. بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى بولسا كۆپ تەرەپلىمە بولۇش، چىقىشىپ ياشاش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا پوزىتسىيىنى تۈزلەپ تۇرىدىغان، تەڭپۇڭلۇق ۋە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھەرىكەتتۇر:«ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان (خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن» (فۇسسىلەت سۈرىسى، 34-ئايەت).
بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى زورلۇقنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى مەجبۇرلاش ھەمكارلىقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، بەلكى بوزەك قىلىش، يامان كۆرۈش ۋە مۇناپىقلىقنى پەيدا قىلىدۇ.بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى ئايرىم مۇستەسنا ئەھۋال بولۇپ، باشقا يول قالمىغاندا ۋە ھەق-ھوقۇقلار زايە بولۇپ كېتىۋاتقاندا تايىنىلىدۇ:«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا(يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى(يەنى خارابىلىققا يۈزلىنەتتى)،لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن)پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(بەقەر،251-ئايەت). بۇ ئايەت بۇزغۇنچىلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قانۇنىيەتكە ئېسىلىشىنڭ زۆرۈرلىكنى ئوچۇقلاشتۇرماقتا. چۈنكى بۇزغۇنچىلىق ھەق ئىگىلىرى غاپىل قالغاندىلا تارقىلىپ كېتىدۇ.
قۇرئان كەرىم«دىن، جان، ئەقىل، ئابروي ۋە مال-مۈلۈك»نى مۇداپىئە قىلىش كائىنات قانۇنىيەتلىرىدىن بولغان بىر قانۇنىيەت بولۇپ، ھاياتلىقتىكى گۈللىنىش ۋە مۇقىملىق شۇ قانۇنىيەتكە تايىنىدۇ، دەپ بايان قىلماقتا. ياخشى كىشىلەر بىلەن بۇزغۇنچى كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق يامانلىق ۋە زۇلۇمدىن ساقلانغىلى بولىدۇ:«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابىلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(بەقەر سۈرىسى، 251-ئايەت) يەنى ئاللاھ ھەق ئىگىلىرى ئارقىلىق باتىل كىشىلەرنى، ياخشى كىشىلەر ئارقىلىق بۇزغۇنچى كىشىلەرنى ئىتتىرىپ تۇرمىغان بولسا، بۇزغۇنچى كىشىلەر غالىب كېلىپ، ياخشى كىشىلەرگە تاجاۋۇز قىلغان بولاتتى، نەتىجىدە زېمىن ۋە ھاياتلىق ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بۇزۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئاللاھ پەزلى مەرھەمىتى ئارقىلىق زېمىندىكى ئىسلاھاتچى ھەق ئىگىلىرىنىڭ باتىل ۋە بۇزغۇنچىلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.
بىر-بىرىنى ئىتتىرىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ يامانلىقى يوققا چىقىدۇ. ئەگەر بىر-بىرىنى ئىتتىرىش ۋە مۇداپىئە قىلىش بولمايدىغان بولسا بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىدۇ.
(2).كرىزىس پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش:
بۇ ئىلاھى قانۇنىيەتنى بويسۇندۇرۇپ بېرىدىغان ئىدارە ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى:«ھەر بىر قىينچىلىق بىلەن بىر ئاسانچىلىق بار. ھەر بىر قىينچىلىق بىلەن بىر ئاسانچىلىق بار»(شەرھ سۈرىسى، 5-6-ئايەتلەر). ھەر قانداق بىر قىينچىلىق بىلەن ئىككى ئاسانچىلىق بار دېگەن ئىدارە قىلىشتىكى بۇ ئۇسۇل-چارە كرىزىسلار بىلەن ئىجابىي ماسلىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.
كرىزىسنى ھەل قىلىش گۇرۇپىسى كرىزىس يۈز بەرگەندە يىغىلىپ، كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەيدۇ. مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن كرىزىس پەيدا قىلىش ئۇسۇلىغا تايىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ مەككە بىلەن شام ئارىلىقىدىكى تىجارەت يولىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىپ دەل مۇشۇ يولغا تايانغان. بۇ خىل ھالەت تىجارەتكىلا تايىنىپ ياشايدىغان قۇرەيش دۆلىتىگە ئىقتىسادى بېسىم پەيدا قىلغان. نەتىجىدە قۇرەيش دۆلىتىنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھۇدەيبىيە سۇلھىسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ سۇلھى ئۆز نۆۋىتىدە مەككىنى ئازاد قىلىشنىڭ ئالدىنقى قەدىمى ئىدى.
4.بەزى قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق يەنە بەزى قانۇنىيەتلەر دىن پايدىلىنىش:
بۇنىڭدىن مەقسەت بىرەر قانۇنىيەتنى توختىتىش ئۈچۈن بەزى قانۇنىيەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى باشقا بىر قانۇنىيەتنى تېزلىتىش دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىنسان ۋە جەمئىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىدىغان مۇھىم پەنلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
(1).مەلۇم بىر قانۇنىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش:
بۇ يەردە»مۇكاپات ياكى جازا ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈرىگە باغلىق» دەيدىغان قانۇنىيەت بار: «(ئاللاھ ۋەدە قىلغان مۇكاپات)سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ» (نىسا سۈرىسى،123-ئايەت).
مەسىلەن، گۇناھ قىلغان كىشى قاچاندا بولمىسۇن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك. ئەگەر بىر ئادەم مۇشۇنداق ھالەتتە بولغان بولسا، باشقا بىر قانۇنىيەت ئارقىلىق بۇ قانۇنىيەتنى بىكار قىلىپ تاشلىيالايدۇ:«ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ»(ئەنفال سۈرىسى،33-ئايەت). يەنى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش، كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھقا يالۋۇرۇش ۋە تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئازابنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالىدۇ. بىر ئىنسان بۇ سەۋەبلەرنى قىلسا، ئازابنىڭ كەلمەسلىكىدىن ئىبارەت نەتىجە ھاسىل بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«قازانى دۇئادىن باشقىسى توسۇپ قالالمايدۇ»دېگەنىدى.
يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىدىن خاپا بولۇپ چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ قوۋمى ئازابنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرۈشتى، ئۇلار پەيغەمبەرگە قارىتا تۇتقان ھالىتىدىن پۇشايمان قىلىشتى. شۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك ھەممىسى چوڭ بىر مەيدانغا توپلىنىپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ يىغلاشتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان نىداسىنى راۋا كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتى:«(ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇش قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتى كۆرۈپ)ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە(يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن)بەھرىمەن قىلدۇق»(يۇنۇس سۈرىسى، 98-ئايەت).
بۇ ئايەت ئىنسانلارغا بىر قانۇنىيەتنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قانۇنىيەتنى ئىشلىتىشنى تەلىم بەرمەكتە. ئايەتنىڭ مەنىسى ئەگەر باشقا مىللەتلەر يۇنۇسنىڭ قەۋمى قىلغاندەك قىلسا، ئۇلارنى يۇنۇسنىڭ قەۋمىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغاندەك قۇتقۇزۇپ قالىمىز دېگەن بولىدۇ.
بۇ يەردە پاساتچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىش قانۇنىيىتى بار: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى»(رۇم سۈرىسى، 41-ئايەت). بۇ قانۇنىيەتكە نەزەر تاشلىساق، شەرىئەتكە قارشى ئىشلار كۆپلەپ يۈز بەرگەندە بۇزغۇنچىلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ئىلاھى قانۇنىيەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەۋبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈندۇر. شۇ چاغدا جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر ياخشىلىققا ئالدىرايدۇ، خاتىرجەملىك ۋە كەڭتاشا تۇرمۇش ئەۋج ئالىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ھەل قىلىش چارىسىنى بايان قىلىپ، گۇناھلار كۆپلەپ يۈز بەرگەندە بۇزغۇنچىلىق ئاشكارا بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ھېكمەت كىشىلەرنىڭ توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەۋبە قىلسا ۋە توغرا يولغا قايتسا، بۇ قانۇنىيەت ئەمەلدىن قالىدۇ.
شۇنداقلا بۇ قانۇنىيەتنى بۇزغۇنچىلىقىنڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى توسۇپ قالىدىغان، تاقابىل تۇرۇش قانۇنىيىتىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكىلى بولىدۇ: «ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى(خارابىلىققا يۈزلىنەتتى)،لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(بەقەر ، 251-ئايەت). يەنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن توسۇش ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش تۈپەيلىدىن ئىلاھى ئازابقا سەۋەب بولىدىغان زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ئېڭىنى قانات يايدۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھقا قەسەمكى، زالىمنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىڭلار، زالىمنى ھەقنىڭ دائىرىسىگە قىستاپ كەلتۈرۈڭلار، بولمىسا ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا بىر تۇتاش كېلىدىغان ئازابىغا قالىسىلەر»دەپ زۇلۇم ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا سۈكۈت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). دېمەك، جەمئىيەت ۋە مىللەت خاراكتېرلىك ئورتاق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا بۇزغۇنچىلىق، زۇلۇم ۋە ئىلاھى ئازابنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.
(2).سەۋەبلەرنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا:
بەزى ۋاقىتلارغا قارىساق، نەتىجىلەر سەۋەبلەرگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. مانا بۇ بارلىق سەۋەبنى قىلغاندىن كېيىن ئاللاھقا ياخشى تەۋەككۇل قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. تۇغۇتنىڭ جاپاسىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغان مەريەم ئەلەيھىسسالام يوغان خورما دەرىخىنى ئىرغىتسا، ھۆل خورمىلار تۆكۈلۈپ چۈشكەنلىكى ئاللاھنىڭ پەزلى كارامىتدۇر.
(3).كرىزىستىن ساقلىنىش توغرىسىدا:
ھەزرىتى خەدىچە فەقىھ ئايال ئىدى. ئالىملار رېئاللىقنى تەھلىل قىلىش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر يۈرگۈزۈشتە ھەزرىتى خەدىچىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئىشلەتكەن. رەسۇلۇللاھ بىرىنچى قېتىم ۋەھىي چۈشكەندە ھەزرىتى خەدىچىنىڭ قېشىغا تىترىگەن ھالدا كىرىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بېرىپ، قورقۇنچىسىنى پەسەيتىپ:«ئاللاھقا قەسەمكى، ئاللاھ سىلنى ھەرگىز يەرگە قاراتمايدۇ، چۈنكى سىلىدە مېھماننى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىدىغان ۋە قىيىنچىلىقتا قېلىپ قالغانلارغا ياردەم قولىنى سوزىدىغان گۈزەل خىسلەت بار» دېگەن. سۆز ئارقىلىق تەسەللى بېرىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ۋەرەقە ئىسىملىك تەجرىبىلىك بىر ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ بارغان. ھەزرىتى خەدىچىنىڭ بۇ چۈشەنچىسى بىزگە كرىزىسلارنىڭ يامان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنىيەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى