قانۇنىيەتلەرنى رېئال ھاياتقا تەتبىقلاش چۈشەنچىسى
قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۆزگەرمەيدىغان، ئادالەتسىزلىك قىلمايدىغان ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە مايىل بولمايدىغان مۇقىم قانۇنىيەتتۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا تەتبىقلاش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەن ۋە گۈزەل يوسۇندا تەتبىقلىغان ۋاقتىدا ئۈممەتنىڭ بارلىق كۈچىنى نىشان يۆلىنىشىگە توپلىغىلى بولىدۇ، پارچىلىنىپ كېتىش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىستىلىنى توغرا يۈزلەندۈرۈشتە ئىلاھى قانۇنىيەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ قانۇنىيەتلەرنى رېئاللىققا تەتبىقلاش ماھارىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش تۆۋەندىكى قائىدىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ:
1.قۇرئان ئايەتلىرىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىش:
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:«ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى»دەيدۇ (نىسا سۈرىسى، 82-ئايەت). قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ كۆپلىگەن تەبىئىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىنسان ھاياتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ ۋە سەۋەبلەر بىلەن نەتىجىلەر ئارىسىدا ئېنىق ئالاقىلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئادەتتە مۇسۇلمانلارغا قانۇنىيەتنى رېئال ھاياتقا تەتبىقلاش مېتودىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇ قانۇنىيەتلەرنى ۋەقەلىكنىڭ ئارقىدىن بايان قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىم قانۇنىيەت بايان قىلغان ھەر بىر ئورۇندا قانۇنىيەتنى رېئال ھاياتقا تەتبىقلاشتا چېنىقتۇرىدۇ.
2.تارىخنى تەتقىق قىلىش:
زېمىندا ساياھەت قىلىش، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ تەجرىبىلەردىن ئىبرەت ئېلىش قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقى ۋە كۆرسەتمىسىدۇر.
3.رېئال ھاياتنى تەتقىق قىلىش:
ئەمەلىي ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبلىرى، ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى بىلىش، پۇرسەت ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى تونۇش، شۇنداقلا ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن تەتقىق قىلىش لازىم.
4.داۋاملىق چېنىقتۇرۇش:
يەنى سەۋەب-نەتىجە ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنى ھېس قىلىش، چۈشىنىش ۋە كەلگۈسى كۆز-قاراشقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھادىسىلەرنى قۇرئان روھى ئاساسىدا تەھلىل قىلىشقا داۋاملىق چېنىقتۇرۇش كېرەك.
مىساللار:
(1).بىر ياش يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىش ياكى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنى قىلىپ سالغانلىقىنى كۆرسەڭ، قۇرئان كەرىمنىڭ:«كىم يامانلىق قىلسا جازالىنىدۇ» دېگەن قانۇنى ئاساسىدا گۇناھلارنىڭ جازانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىز. بىراق بۇ ئىككى تۈرلۈك جىنايەتنىڭ جازاسى، تەۋبە قىلىنمىسا تېز بولۇپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ :«ئەجرى تېز بولغان ياخشىلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇلاشتۇر، جازاسى تېز بولغان يامانلىق باشقىلارغا چېكىدىن ئېشىش ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتۇر»دېگەن(تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى). مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، كىم ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا ياكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنى باغلاپ تۇرسا، تېز كېلىدىغان ياخشىلىقنى كۈتسۇن.
(2).ئەگەر سىز يۈگۈرۈش ياكى سۇ ئۈزۈش ياكى مەلۇم توپ ئويناش كوماندىسىغا مەسئۇل چېنىقتۇرغۇچىنىڭ ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بىلەن پەخىرلىنىۋاتقان-لىقىنى ۋە قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئاجىز دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسىڭىز، دەرھال كاللىڭىزغا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇنەين ئۇرۇشىدا سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلەنگەنلىكى كېلىشى كېرەك. ئاندىن ماددى سەۋەب بىلەن ئالدىنىپ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان سەلبىي نەتىجىنى پەرەز قىلىشىڭىز توغرا بولىدۇ.
(3). ھازىرقى رېئاللىقنى قانۇنىيەت ئاساسىدا ئوقۇپ چىقىش لازىم، ئاللاھنىڭ بىرەر گۇرۇھقا ھوقۇق ئاتا قىلىشى سىناق بولىشى مۇمكىن:«ئۇلار: سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق دېدى. مۇسا:پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى، (مىسىر) زېمىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىڭلارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر» دېدى (ئەئراف سۈرىسى، 129-ئايەت).
ھوقۇق ئاتا قىلغان چاغدىكى غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى ئۆلچەشنىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىنچىكە ئۆلچەملىرى بار:«(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر» (ھەج سۈرىسى، 41-ئايەت). بۇ سىناقتا ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى نامازنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش، باشقىلارنى نامازغا چاقىرىش، زاكات بېرىش، دىن، ئەخلاقنى ھىمايە قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا قارىشى تۇرۇشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىدىكى پىلانلارنى جەمئىيەتتە ئورۇنلاشتۇرالىسا غەلىبە قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇلار پات ئارىدا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە غەلىبە-نۇسرەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەگەر ئۆزگەرتىشۋە ئىسلاھات يېتەكچىلىرى بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا باشقا بىر قانۇنىيەت بۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ:«ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ۋە كۆرسەتمىسىدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورۇنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ(بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)»(مۇھەممەد، 38-ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى