مۇكاپات-جازا ئىشنىڭ تۈرىگە باغلىق
مۇكاپات- جازا ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈرىگە باغلىقتۇر دېگەن قانۇنىيەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا قارىتا دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئادالىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆرنۈشىدۇر. ئىلاھى جازا ئىلاھى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، چۈنكى جازا گۇناھقا ئۇيغۇن كېلىدۇ، گۇناھ چوڭ بولسا ئېغىر جازا كېلىدۇ، كىچىك بولسا يەڭگىل جازا كېلىدۇ.
بۇ قانۇنىيەتنىڭ قۇرئان كەرىمدە كۆپ مىساللىرى بار. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»(زەلزەلە سۈرىسى، 7-8-ئايەتلەر).
«(ئاللاھ ۋەدە قىلغان مۇكاپات) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ»(نىسا سۈرىسى، 123-ئايەت).
«ھەددىڭلاردىن ئاشساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ»(يۇنۇس سۈرىسى، 23-ئايەت).
«مېنى(تائەت-ئىبادەت بىلەن)ياد ئېتىڭلار، مېنى ياد ئەتسەڭلار مەنمۇ سىلەرنى مۇكاپات بىلەن ياد ئېتىمەن» (بەقەر سۈرىسى، 152-ئايەت.
«ماڭا بەرگەن(ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىش) ھەققىدىكى ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (مۇكاپات بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار»دەيدۇ(بەقەر سۈرىسى، 40-ئايەت).
رەسۇلۇللاھ:«كىم بۇ دۇنيادا بىر مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ قويسا، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قىيامەت كۈنى بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياپىدۇ، كىم بىر قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بىر ئادەم قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»دېگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە:«كىم مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىغا مەسئۇل ياكى كادىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تەسلەشتۈرۈپ جاپا سالغان بولسا، ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەسلەشتۈرۋەتسىلە. كىم مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارغا كۆيۈنگەن بولسا، ئى ئاللاھ! سىلىمۇ ئۇ كىشىگە كۆيۈنسىلە» دېگەن(مۇسلىم ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان).
كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى قەلبىڭىزدە ئەكىس ئېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسىڭىز قەلبىڭىز خۇرسەنلىككە چۆمىدۇ، ئەگەر يامانلىق قىلسىڭىز قېرىندىشىڭىزنىڭ قەلبى سىقىلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ قەلبىڭىز سىقىلىدۇ. بىرەر كىشىگە سالام بەرسىڭىز خۇرسەنلىكنى ھېس قىلىسىز، ئەگەر بىرەرسىگە ئەزىيەت بەرسىڭىز ئىچىڭىز سىقىلىدۇ. ئاجايىب ئېسىل مەنزىرىنى ئۆزىڭىز يالغۇز كۆرگەن بىلەن دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە كۆرگىنىڭىز ئارىسىدا زور پەرق بار. چۈنكى خۇرسەنلىك باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ.
يامانلىق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ زىيىنىغا قىلىسىز
بەزىلەر باشقىلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بۇ خىل ئەزىيەتكە كۆپ دۇچ كېلىدۇ. بەزىلەر تەنقىد قىلسا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، نەرسىلەرگە دائىم قارا كۆزئەينەك بىلەن قارايدۇ. بۇلارنىڭ بىرەرسىنى كۆرسەم ئىچ ئاغرىتىمەن، چۈنكى بۇ كىشى ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئۆزى ياساپ چىقىدۇ ۋە قەلبىگە غەم-قايغۇ سۆرەپ كېلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىدە خۇرسەنلىك بولمىسا، باشقىلارنىڭ قەلبىگە خۇرسەنلىك كىرگۈزەلمەيدۇ. باشقىلارغا ئەزىيەت بەرگەن كىشى ئۆزىگە ئەزىيەت بەرمەي تۇرۇپ باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشى قىيىن بولىدۇ. دېمەك، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تەسىرى ئىنسانغا دۇنيادا يا ئاخىرەتتە قايتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى