مەدەت ۋە ياردەم تەييارلىققا قارىتا بولىدۇ
ئاللاھ:«بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز. جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ. كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلىي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدۇ. بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى پەرق ئەلۋەتتە چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتىكى پەرق زىيادە چوڭدۇر»دەيدۇ.(ئىسرا سۈرىسى 18،21-ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەر بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دۇنيا ھاياتىنى تاللىشىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئىنساننىڭ بۇ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولىدۇ.
يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، بۇلار ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاخىرەتنىڭ مۇپاكاتىنى ئىرادە قىلىدۇ، ئەگەر ياخشى نىيەت بولمىسا، ئىش-ھەرىكىتىدىن پايدىلىنالمايدۇ. چۈنكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن مەقسەت ئاللاھنى تونۇش ۋە ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق قەلبىنى نۇرلاندۇرۇشتۇر. قەلبىنىڭ يورۇشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىمىگەن كىشىگە ھاسىل بولمايدۇ.
بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئەمەلىي مىسالى:
ئاللاھ:«ھەر بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»دەيدۇ(رەئد سۈرىسى، 11-ئايەت). بىر ھالەتنى ياخشىدىن تېخىمۇ ياخشىغا ياكى ياخشىدىن يامانغا ياكى ياماندىن ياخشىغا ئۆزگەرتىش ئىنساننىڭ ئۆزىدىن باشلىنىپ ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ: پەيدا قىلىش ۋە نىيەت باغلاش باسقۇچى بولۇپ، شوئارى:«ئىش-ھەرىكەتلەر نىيەتكە باغلىقتۇر»( بۇخارى رىۋايىتى).
ئىككىنچى باسقۇچ:ئىرادە باغلاش ۋە تەييارلىق قىلىش باسقۇچى، شوئارى:«ئەگەر چىقىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، تەييارلىق قىلغان بولاتتى» (تەۋبە سۈرىسى، 46-ئايەت).
مەسىلەن، ناماز بامداتقا ئويغىنىشنى نىيەت قىلغان، شۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىپ تەييارلىق قىلغان، بالدۇر ئۇخلىغان ۋە ئويغىتىش سىگنالىنى توغۇرلىغان ئادەم بىلەن سەۋەبلىرىنى قىلماي ئويغىنىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەم ئارىلىقىدا پەرق بار.
ئۈچىنچى باسقۇچ: شوئارى:«ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈردى، يامغۇر سۈيى جىلغىلاردا لىقمۇلىق ئاقتى» (رەئد سۈرىسى، 17-ئايەت). يامغۇر چۈشكەندە زېمىندا چېلەك بولسا، ھەر بىر چېلەك ھەجمىگە قارىتا يامغۇر سۈيىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ باسقۇچتا بەرىكەتلەر چۈشىدۇ، ئارزۇلار ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرى بەندىلەرنىڭ تەييارلىقىغا قارىتا تۆكۈلىدۇ، جازالىرىمۇ بەندىلەرنىڭ يامان ئىرادىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا بولىدۇ.
ئاللاھ:«سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلار»(ھەشرى سۈرىسى، 19-ئايەت) دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ:«قازى زۇلۇم قىلمىسا ئاللاھ قازى بىلەن بىرگە، ئەگەر قازى زۇلۇم قىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇنى شەيتان ئىگىلەپ كېتىدۇ»دېگەن (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بۇ قانۇنىيەت نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىرادىنىڭ كۈچىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا مۇھتاج ئىكەنلىكى ئېنىق، بىراق ئىرادە ئىقتىداردىن بەكرەك مۇھىم. ئىرادە تېپىلغاندا ئىقتىدارنىڭ تېپىلىشى ۋاقىت مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
ئىرادىنى كۈچلەندۈرۈش تۈرتكە ۋە قىزىقتۇرغۇچى ئامىلدىن شەكىللىنىدۇ. قىزىقتۇرغۇچى ئامىل ماددى مەنپەئەت ياكى بەسلىشىش ياكى يۇقىرى ھىممىتى بار ئادەمگە ھەمرا بولغانلىقتىن كېلىدىغان سىرتقى نەرسە. تۈرتكە بولسا ئىماننىڭ كۈچىيىشى، ئاللاھدىن مەدەت تىلەش، ئۈستۈنلۈكنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش، نەپسىنى پاك تۇتۇش، مەسچىتكە كۆپ قەدەم بېسىش، نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇيقۇنى ئازايتىش… ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى