ئانىلار مەكتەپ ۋە قەلئەدۇر
ئانىلار ئائىلىنىڭ مۇنارى ۋە مەشئىلىدۇر.
ئانىلار قۇرئان ئوقۇشقا، كىتاب ئوقۇشقا، كىملىكنى قوغداشقا، بالىلارنى ياراملىق تەربىيەلەشكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا… قانچە ھېرىسمەن بولسا، ئائىلە شۇنچە بەرىكەتلىك، نۇرلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
چۈنكى، ئانىلار بۇ ئۈممەتنىڭ قەلئەسىدۇر، مەكتىۋىدۇر، قورغىنىدۇر.
شۇڭا، ئانىلار ھەركۈنى بىر قېتىم تاماق ئىتىش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تاماق ئىتىدىغان ۋاقتىنى ھەركۈنى بالىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ بىر ئاز قۇرئان ئوقۇشقا،بىر ئاز ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشقا، بىر ئاز تەربىيە خاراكترىدىكى كىتابلارنى بالىلىرىغا ئوقۇتۇشقا، ياكى ياخشى نەسىھەتلەرنى ئاڭلىتىشقا ئاجراتقان بولسا، بالىلارنى ياخشى تەربييەلەشكە ساغلام قەدەم باسقان بولىدۇ.
ئاللاھ قييامەت كۈنى ھەربىر ئاتا- ئانىلاردىن بالىلار تەربىيەسى ھەققىدە ھېساب سورىغاندا، بالىلارغا قانچە قېتىم قانداق تاماق ئىتىپ بەردىڭىز دەپ سورىمايدۇ، ياكى باللىرىڭىزغا قانداق ماركىلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىڭىز دەپ سورىمايدۇ، ياكى قانداق مودا نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردىڭىز دەپ سورىمايدۇ.
بەلكى ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىبادەت، توغرا پىكىر ۋە گۈزەل ئەخلاق ئۆگەتتىڭىزمۇ؟ ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز بولغان ئىلىم- مەربپەت ئۆگەتتىڭىزمۇ؟ مىللىتىڭىز موھتاج بولۇۋاتقان ئىلغار كەسىپلەردە ئوقۇتتىڭىزمۇ؟ بىرەر بالىڭىزنى ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئاجراتتىڭىزمۇ؟ باللىرىڭىزغا دۇنياغا كىلىشتىكى غايىنى ۋە بۇ غايىگە قانداق يېتىش يوللىرىنى ئۆگەتتىڭىزمۇ؟…دەپ ھېساب ئالىدۇ.
ھالبۇكى، ئانىلار ھەركۈنى قانچە قېتىم تاماق ئىتىش بىلەن ئالدىراش بولسا، دادىلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولسا، بالىلارنى كىم تەربىيەلەيدۇ؟ بالىلار تەربىيەسى كىم ۋاقىت چىقىرىدۇ؟.
ئاتا-ئانىلار ۋاقىت ئاجرىتىدىغان ۋە مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش بالىلار تەربىيەسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.