ئايالىڭىزغا بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھاقارەت قىلسىڭىز نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟
ئايالىڭىزغا بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ھاقارەت قىلسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك خەتەرلىك ئىشنىڭ بىرسىگە سەۋەبچى بولىسىز:
1. بالىلىرىڭىز سىزنى دوراپ ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە ھاقارەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. بالىلىرىڭىز ئانىسىنى قوغداش ئۈچۈن سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدىغان ۋە سىزنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ تاللىشىدىكى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ ھەربىرى سىز ئۈچۈن ۋە ئايالىڭىز ئۈچۈن يامان نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇڭا، ئەرلەر ئايالى بىلەن بالىلىرى ئالدىدا ئۇرۇشماسلىقى، ئايالىغا ھاقارەت قىلماسلىقى، خورلىماسلىقى، ئۇرماسلىقى، ئائىلە ئىشلىرىدىكى ۋە بالىلار تەربىيەسىدىكى بەزىبىر كەمچىللىك سەۋەبىدىن ۋارقىراپ گەپ قىلماسلىقى لازىم.
بۇ گەپتىن، بالىلار يوق يەردە ئايالىنى ئۇرسا، ياكى تىللاپ ھاقارەت قىلسا، ياكى ۋارقىراپ پىسخىكا جەھەتتىن ئازار بەرسە بولىدۇ، دېگەن گەپ چىقمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار ئىسلامدا ھارامدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
15.07.2024 كۈنى.