بالىلار تەربىيەسىدە دىققەت قىلىدىغان بەزى ئىشلار
1. بالىلارغا ئىككى خىلدىن كۆپ خىل تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىش.
2. بالىلارنىڭ ئىشلىرىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ رەتكە سېلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش.
3. بالىلار خاتالاشقاندا مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرماسلىق ۋە خاتالىقىغا ئۇيغۇن شەكىلدە جازا بەرمەسلىك.
4. بالىلارغا ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئوقۇش مەسئۇلىيىتىنى تونۇشتىن بۇرۇن ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىشكە ۋە ئېلېكتىرنلۇق ئويۇنلارنى ئويناشقا چەكلىمە قويماسلىق.
5. بالىلار قىزىقىدىغان توغرا ئويۇنلار بىلەن ماسلىشىپ بېرىپ بىرگە ئوينىشىپ بەرمەسلىك.
6. بالىلارغا ئىقتىسادنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئۆگەتمەسلىك.
7. بالىلارغا نورمال ئەركىنلىك بەرمەي ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش.
8. 15 ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئالدىدا ئىككى سائەتتىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ياكى خاتا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرماسلىق.
9. بالىلارنىڭ دەرس ياكى مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا تېلېفونلاردىكى ئويۇنلار ياكى پايدىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېلېفون ئىشلىتىشكە چەكىلمە قويماسلىق ۋە ۋايپاي(wifi) نى ئىشلىتىش ۋاقتىنى بەلگىلىمەسلىك.
10. ئوقۇش ۋە مۇزاكىرە ۋاقتىدىمۇ تېلېفونغا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلارنى توغرا باشقۇرۇش ئۈچۈن 13 ياشتىن كېچىك بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس چىقىرىلغان (çocuk hattı) تېلېفون نومۇرلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تېلېفون خۇمارلىقىغا ۋە مۇناسىپ بولمىغان پىروگراممىلارنى قوللىنىشقا چەك قويماسلىق…لاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
13.07.2022 – كۈنى