بىز ۋە سەمىمىيەت
1.ئەگەر مۇسۇلمانلار ھېيتتا تىلى بىلەن تەكبىر توۋلىغاندەك قەلبى بىلەن ھەر دائىم تەكبىر ئېيتقان بولسا، تارىخ بېتىنى ئۆزگەرتكەن بولاتتى.
2.ئەگەر مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىغا توپلاشقاندەك بىرلەشكەن بولسا ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنلارنى مەغلۇپ قىلغان بولاتتى.
3.ئەگەر مۇسۇلمانلار قوللىرى ئارقىلىق سىقىشىپ كۆرۈشكەندەك قەلبى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن بولسا، بۆلۈنۈپ كېتىش ئامىللىرىدىن قۇتۇلغان بولاتتى.
4.ئەگەر مۇسۇلمانلار ئېغىزلىرى بىلەن كۈلگەندەك مەنىۋىيىتى بىلەن كۈلگەن بولسا، ئاسماننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولاتتى.
5.ئەگەر مۇسۇلمانلار ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلغاندەك شەخسىيەتچىلىكىنى قۇربان قىلغان بولسا، ھەر كۈنى ھېيت بولغان بولاتتى.
6.ئەگەر مۇسۇلمانلار ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيگەندەك، ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان بولسا، يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل ئۈممەت بولاتتى.
(دوكتور مۇستاپا سىبائى)
كاشىغەرىي