دادا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى
بالىلار، ئائىلىسىز ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە بەرىكىتى بولمايدۇ.
بالىلار، دادا ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي تايانچىسىدۇر.
دادا بالىلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر ۋە قەھرىمانىدۇر.
دادا بالىلىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئەڭ ۋاپادار كىشىدۇر.
دادا بالىلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلايدىغان، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن ھارماي تارماي ئىش قىلىدىغان، بەللىرى مۈكچىيىپ كەتسىمۇ ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بالىلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىش ئۈچۈن ئىش قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغان كىشىدۇر.
بالىلارنى دادا بىلەن ئانىلارغا ئوخشاش ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر كىشى تېپىلمايدۇ.
دادا ئائىلە ئۈچۈن ئاللاھتىن قالسىلا تۈۋرۈكتۇر ۋە قورغاندۇر.
دادا ئائىلە ئۈچۈن ھىمايىدۇر ۋە بەخت – سائادەت ئاچقۇچىدۇر.
دادا ئائىلە ئۈچۈن ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك مەنبەسىدۇر.
دادىنىڭ ئاۋازى ئامانلىقتۇر، راھەتتۇر ۋە ئىنتىزامدۇر.
دادىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق شەخس تولدۇرالمايدۇ.
دادىغا بولغان ئېھتىياج تۈگەپ قالمايدۇ، دادىنىڭ قەلبتىكى ئورنىنى ھېچكىم تولدۇرالمايدۇ.
دادا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، ئانا ئۆينىڭ ئاساسىدۇر.
ئاكا دادىنىڭ ئورنىدىدۇر، ئاچا ئانىنىڭ ئورنىدىدۇر.
ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، تاغا-ھامما ۋە باشقا تۇغقانلار يۈرەك پارچىسىدۇر.
ئائىلىنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىگە تەڭ كېلىدىغان سۆيگۈ مۇھەببەت يوقتۇر.
ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى ۋە ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتۈشى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ، ئىناقلىقىنىڭ ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئائىلىنىڭ بەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى قوغداشقا باغلىقتۇر.
شۇڭا، بالىلارغا ھەر زامان ئائىلە ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.