بالىلاردىكى شەخسىيەتچىلىك، قوپاللىق ۋە يالغانگەپ قىلىش ئىللىتى
1. شەخسىيەتچىلىك:
شەخسىيەتچى بالىلار ئويۇن ۋە باشقا نەرسىلەردە باشقىلارنىڭ ئورتاق بولۇشىنى رەت قىلىدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوينىشىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئاتا-ئانىنىڭ بۇ خىل خاتا ئىستىلغا سەل قارىشى، بالىنى ئۆزىدىن باشقىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ.
بۇنىڭ چارىسى، بالىلارنى كوللېكتىپ ئويۇنلار ئارقىلىق ئورتاقلىشىش روھىغا كۆندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بالا باشقىلارنىمۇ ئويلايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ تۈردىكى بالىغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ شارائىتىنى ئېتىبارغا ئېلىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭدەك شەخسىيەتچى بالىلار دۇكاندىن يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان بىر نەرسە سېتىۋالغان بولسا، سىرتتا بولسۇن ياكى ئۆيدە بولسۇن ئاكا-ئۇكىسى، ياكى ئاچا-سىڭلىسى بىلەن تەڭ يېمەي ياكى ئىچمەي، بىر قورساق قېرىنداشلىرىنى قارىتىپ قويۇپ، خىجىل بولماستىن يەۋېرىدۇ ۋە ئىچىۋېرىدۇ.
بالىلاردىكى قېرىنداشلىرىغا قارىتا شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئىللىتىگە كەسكىن چەكلىمە قويۇش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي شەكىلدە سەل قارىماسلىق لازىم.
2. باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش:
بەزى بالىلار مەسخىرە قىلىشنى چاقچاقنىڭ بىر تۈرى دەپ قاراپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قېرىنداشلىرىنى، ياكى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنى، ياكى باشقا كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغۇسى كېلىدۇ. بالىنىڭ بۇ تۈردىكى خاتا ئىستىلىنى تۈزىتىشكە سەل قاراش بالىنى باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشقا ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.
كۈنىمىزدە قارايدىغان بولساق، بالىلارنىڭ كوچىلاردا بىر-بىرلىرىگە سەت گەپلەر بىلەن چاقچاق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ چارىسى، بالىغا توغرا چاقچاق قىلىش بىلەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىش لازىم. شۇنىڭدەك باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئەدەپلىك بالىلارغا ياراشمايدىغان ناچار ئىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
3. قوپاللىق قىلىش:
بەزى بالىلار ئاشۇرۇپ قوپاللىق قىلىدۇ، ساۋاقداشلىرىنى ياكى دوستلىرىنى ئۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ.
تىل بەزاپلىقى، قول-پۇت قوپاللىقىدىن ئىبارەت بۇ خاتا ئىستىلنى تېز سۈرئەتتە داۋالاش لازىم. بۇ خاتا قىلمىشقا سەل قارىغاندا، بالىدا جىنايەت ئىستىلىنى يېتىشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭ چارىسى، بالا بىلەن پاراڭلىشىش، بالىغا قوپاللىقتىن خالى ھالدا ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ۋە ئىچىدىكى ئوشۇق ئېنېرگىيەنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئاڭلاشقا قىزىقتۇرۇش لازىم. قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئاڭلاش بالىنى تىنچلاندۇرىدۇ.
4. يالغان سۆزلەش:
بالىلار ئادەتتە قىلىپ سالغان بەزى ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ئۈچۈن، ياكى تەنقىدتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياكى جازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. بالىنىڭ يالغان سۆزلەش سەۋەبلىرىنى بىلمىگەندە ۋە بالىدىن توغرا شەكىلدە ھېساب سورىمىغاندا، يالغان سۆزلەش ئادىتى چوڭ بولغانغا قەدەر ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ چارىسى، بالىڭىز يالغان سۆزلىسە، ئۇنى ئۇرۇپ يۈرمەڭ، چۈنكى بالىنى يالغان سۆزلىدىڭ دەپ ئۇرۇش تېخىمۇ يالغان سۆزلەشكە قىستايدۇ ھەمدە بالىنى قىلىپ سالغان خاتالىقلارنى دېمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇڭ ۋە ئۇ ئاساستا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تېرىشىڭ.
5. ئوغرىلىق:
بەزى بالىلار ئىقتىسادىي كەمچىلىك سەۋەبىدىن ئوغرىلىق قىلىدۇ، يەنە بەزى بالىلار ئوغرىلىق قىلىشنى ئۆزىنى كۈچلۈك قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىپ سالىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ خاتا قىلمىشنى تۈزىتىشكە سەل قارىشى بالىنى تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
بۇنىڭ چارىسى، بالىنىڭ ئوغرىلىق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى داۋالاڭ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە قامداشقا ئۇرۇنۇڭ، ھەمدە ئوغرىلىق قىلىشنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ھارام ئىكەنلىكىنى، داۋاملىشىپ قالسا قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
10.07.2024- كۈنى.