بالىلىرىڭىزنى ئىلغار مەكتەپتە ئوقۇتۇش نىيىتىڭىز بارمۇ؟
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئىلغار / پىروجە مەكتەپلىرىگە كىرەلىشى ئۈچۈن، بالىلارنى باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن تارتىپ تەييارلىق قىلغۇزۇش مۇھىم ئىكەن. بولۇپمۇ ماتېماتىكا ۋە تۈركچىدە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغۇزۇش لازىم ئىكەن.
بالىلار ماتېماتىكا ۋە تۈركچىدە ياخشى بولسا، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئىلغار/ پىروجە مەكتەپلىرىگە ئۆتەلەيدىكەن ھەمدە تولۇقسىزدىكى قارىلىق تەربىيەلەش سىنىپلىرىغىمۇ كىرەلەيدىكەن.
قارىلىق يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپلەرمۇ ماتېماتىكا ۋە تۈركچىسى ياخشى بولغان زېرەك ۋە تىرىشچان بالىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئىلغار پروجە مەكتەپلىرىدە قارىلىق سىنىپىغا ئۆتەلىگەن ئوقۇغۇچىلار 4 يىل جەريانىدا ھەرقايسى پەنلەردە ياخشى ئوقۇيالايدىكەن ھەمدە قارىمۇ بولالايدىكەن.
ئىلغار پىروجە مەكتەپلىرى بولسا ئىلمىي سەۋىيە، ئەخلاق ۋە بالىلارغا ھەرقايسى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشتە مەھەللىدىكى نورمال مەكتەپلەرگە قارىغاندىن كۆپ ئىلغار ئىكەن.
ناۋادا بالىلارنىڭ ماتېماتىكىسى ياخشى بولمىسا، سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان مەھەللە مەكتەپلىرىگە كىرىپ قالىدىكەن. سەۋىيەسى تۆۋەن مەكتەپلەردە ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئىلىمىي سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ چىقىدىكەن ھەمدە ياخشى ئوقۇمايدىغان بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇسا ئەخلاقى ۋە پىكرى بۇزۇلۇشقا باشلايدىكەن.
شۇڭا، ئاتا- ئانىلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپلا، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياخشىلاش ۋە قۇرئان ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىش بىلەن بىرگە بالىلارنى مەكتەپلەردە ياخشى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم.
چۈنكى باشلانغۇچتا ياخشى ئوقۇغان بالىلار تولۇقسىزدا ئىلغار پىروجە مەكتەپلىرىگە كىرەلەيدىكەن، تولۇقسىزدا ياخشى ئوقۇغان بالىلار تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئىلغار پروجە مەكتەپلىرىگە كىرەلەيدىكەن، تولۇق ئوتتۇرىدا ياخشى ئوقۇغان بالىلار ئىلغار ئالى مەكتەپلەرگە كىرەلەيدىكەن ھەمدە ئىلغار ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇيالايدىكەن.
دېمەك، بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش مەسىلىسى باشلانغۇچنىڭ بېشىدىن تارتىپ ياخشى ئوقۇشقا ۋە چىڭ تۇتۇشقا باغلىق ئىكەن.
بۇرۇن بىر قانچە يازمىدا دېگىنىمىزدەك بالىلارغا سېلىنغان ئەڭ ياخشى دەسمىي بالىلارنى ئىلغار مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن سېلىنغان دەسمىدۇر.
ئاخىردا شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بالىلارنى ئىلغار پروجە مەكتەپلىرىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇپلا، ئىسلامىي ۋە مىللىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرمەي تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. بالىلارنى ئىلغار مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىلەن بىرلىكتە-گەرچە مەكتەپتە دىنىي بىلىملەرنى ئالسىمۇ- يەنىلا ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق تەربىيەسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئۆيدە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشغا ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.
بۇ سەۋەبتىن، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا ھەر باسقۇچتا ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى ۋە مىللىي تەربىيەنى يانداشتۇرۇپ تەڭ ئېلىپ ماڭسا، بالىلار دىنىي ۋە پەننى جەھەتتىن ساغلام يېتىشىپ چىقىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
22.08.2024 – كۈنى