بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى
بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالىلار بەك سەزگۈر، ئالدىراڭغۇ، تەرسا ۋە قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىغان كېلىدۇ. بۇ سەۋەبلەردىن بەزىدە گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىشلارنى ياكى ھاياتىغا زىيانلىق بولغان خاتا ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالاغەت يېشىغا يەتكەن ياشلارنىڭ بۇ باسقۇچنى سالامەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
- يىگىتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش:
ئوغلىڭىز بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، ئۇنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئەمدى كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك.
شۇڭا، بۇ مەسىلىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوغۇل بالىلارنىڭ بالاغەت مەزگىلى ۋە بۇ مەزگىلدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ماقالە ياكى كىتابلارنى ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بالاغەت يېشىغا يەتكەن يىگىتلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭ پەرۋاسىز ئىستىلى بىلەن ئۈنۈملۈك مۇئامىلە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
- يىگىتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا كەسكىن بولۇش:
بالاغەتكە يەتكەن ياشنىڭ بۇ باسقۇچتىن ساغلام ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى بەك ئەركە چوڭ قىلىپ مۇئامىلە قىلىشقا، ياكى ئۇنىڭغا چوڭ بولدى دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئائىلە تۈزۈمىگە بويسۇنماي خالىغانچە ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا يول قويۇشقا بولمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم ئېنىق خاتا ئىشلارغا، ياكى گۇناھ خاراكتېردىكى ئىشلارغا قارىتا كەسكىن بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ ياشتىكى بالىلارغا باشتىن تارتىپ گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىشلارنى قىلىپ سالسا جازالىنىدىغانلىقىنى دەپ قويۇش لازىم. ناۋادا خاتا ئىش قىلىپ سالسا ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىسا جازا بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتالماي قىلىپ سالىدىغان ئەقىلسىز ئىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شۇنىڭدەك يىگىتلەر ئوقۇش باسقۇچىدا بولسا، ئوقۇشتىن چېكىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تېلېفون بەرمەسلىك ياخشى. تېلېفون بېرىش توغرا كېلپ قالسا، ئىلىم-مەرىپەت ئېلىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەھۋاللاردا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئويناشقا كۈنلۈك ئىككى سائەتتىن ئاشمايدىغان قىلىپ جەدۋەل بېكىتىپ بېرىش ۋە بۇ توغرىدا كەسكىن بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىگەندىن تارتىپ ئەسىر نامىزىغا قەدەر ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىتلاردا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئويناشقا رۇخسەت قىلماسلىق لازىم.
- يىگىتلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئۇسۇلىغا تايىنىش مۇھىم
بالاغەتكە يەتكەن ياشلار كۆپىنچە تەرسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى توغرا دەپ ئويلاپ قالىدۇ. سىز دادا ياكى ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا پىكرىڭىزنى تېڭىشقا، ياكى دېگىنىڭىزنى مەجبۇرى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا تەرسالىق قىلىپ تېخىمۇ ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.
سىز ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن پىكرىڭىزنى ئۇنى قانائەتلەندۈرگەندەك ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. دائىم ئۇنىڭ بىلەن توغرا ئىشلاردا ماسلىشىشقا تېرىشىڭ، سىزنى قەستەن قېيىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بەزى ئىشلاردا ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلالايسىز.
ئوقۇغۇچى بولسا ئوقۇش ۋاقىتلىرى، ئوقۇيدىغان كىتاب، ئائىلىدە قىلىدىغان ئىش ۋە ئوينايدىغان ۋاقىتلارنى جەدۋەللەشتۈرۈپ بېرىشكە سەل قارىماڭ. بولۇپمۇ نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ۋە ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان كەرىم ئوقۇتۇشقا سەل قارىماڭ. ناماز بامداتتىن كېيىنلا سەھەردە ئوقۇلغان قۇرئان كەرىم بەرىكەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ھىمايە قىلىدۇ.
- يىگىتكە يېقىن دوستىڭىزدەك مۇئامىلە قىلىڭ:
بالاغەتكە يەتكەن ئوغلىڭىز بىلەن پەقەتلا ئاتا-بالىلىق ئالاقىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا كۇپايىلىنىپ قالماي، يېقىن دوستلۇق ئالاقىسى قۇرۇشقا تېرىشىڭ. ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئوغلىڭىز بىلەن سىرتتا تاماق يېيىشكە، بىرەر يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە، بىرگە توپ ئويناشقا، ياكى بىرگە ئات مىنىشكە، ياكى بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، ياكى بىرگە بازار ئايلىنىشقا ئۇرۇنۇڭ.
ئۆيدە يالغۇز قېلىپ، ياكى ياتىقىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، تۆت تامنىڭ ئارىسىدا ئىنتېرنېت دۇنياسىدا پىتنە-پاسات ۋە ئازغۇنلۇق دېڭىزىدا ئېزىپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەڭ.
- يىگىت بالىنىڭ كۆزقارىشىنى ئىپادىلەشكە پۇرسەت بىرىڭ:
بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ ئۆز پىكرىنى ياكى كۆڭلىدىكى گەپنى ئەركىنلىك بىلەن ئىپادىلەش ھەققى بار. شۇڭا، گەپ -سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەڭ، گەپلىرىگە قۇلاق سېلىش ئارقىلىق كۆڭلىدىكى پىكىرلەر، تۇيغۇلار ۋە كۆزقاراشلىرىنى چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پىكرى توغرا ۋە پايدىلىق بولسىلا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ياردەمدە بولىدىغانلىقىڭىزنى ئاشكارا قىلىڭ.
- يىگىت بالىنى خەتەرلىك بولمىغان ئىشلارنى تەجرىبە قىلىشقا قىزىقتۇرۇڭ:
بەزى ۋاقىتلاردا بالاغەتكە يەتكەن يىگىتلەرنىڭ تۇرمۇشتا تەجرىبە ئىگىلىشى ئۈچۈن ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كەلمەيدىغان ئىشلاردا تەجرىبە ئىگىلىشى ئۈچۈن قىلىپ كۆرۈپ بېقىشى لازىم بولىدۇ. تەجرىبە ئۇنىڭغا توغرا بىلەن خاتانى ئايرىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە كېيىنكى قەدەملىرىدە توغرا قارار ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
بەزى نەسىھەتلەرگە ئۇنىمىسا، تەجرىبە قىلىپ كۆرۈپ بېقىپ تامغا ئۈسسىگەندە توختايدىغان ياكى نەسىھەت ئاڭلايدىغان بولىدۇ.
- يىگىت بالىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ:
بالاغەت يېشىدا ياشلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكتۇر. بەزىدە ئۇنىڭ ئىستىلى ھەققىدە ئەنسىرەش ئىچىدە بولسىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئوغلىڭىزنىڭ ئېنىق خاتا ئىشلارنى قىلىپ سالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىزنىڭ بارلىقىنى دەپ قويۇڭ.
بالىغا ئىشەنچ بېرىش ئىككىڭلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. شۇندا قىلغاندا بالا ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېنىق خاتا ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن توختايدۇ.
دېمەك، بالىڭىز بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىن كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ ھەمدە ھەممە ئىشتا ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىشقا قايىل قىلىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى بىلەن ماسلىشىشقا ئۇرۇنۇڭ ۋە يۇقىرىقى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىڭ.
لېكىن، نامازغا سەل قاراش، ياكى قۇرئان ئوقۇشقا، ياكى ئىلىم مەرىپەتكە، ياكى ئەخلاققا سەل قاراش، ياكى ئۇيغۇر تىلىغا سەل قاراش مەسىلىسى يۈز بەرسە، ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلىق ۋە بىر پۈتۈن كىملىك تەقەززاسى بويىچە چارە – تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي