سىزنىڭچە، بۈگۈنكى دەۋر سېكۇلار دەۋرمۇ؟
سېكۇلارلىشىش ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى بەك كۆپ ئوقۇپ، بۇ ھەقتىكى پاراڭلارغا ھەددىدىن زىيادە قۇلاق سالغىنىڭىزدا، دۇنيانىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي سېكۇلارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلماي تۇرالمايسىز. چۈنكى، بۇ ھەقتىكى ئەسەر ۋە پاراڭلار پۈتۈن جەرياننى سېكۇلارلىشىش باش رول ئالغان بىر فىلىمدەكلا چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ئىشنىڭ ماھىيىتىگە قارىغىنىڭىزدا، پەقەت سېكۇلارلىشىشنىڭ تارىخىنى ئوقۇپلا بۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولمايسىز. مودېرنلىشىش تارىخىنى ئوقۇسىڭىزمۇ، سىنپىي زىددىيەت تارىخىنى ئوقۇسىڭىزمۇ يەنىلا شۇ تەسىراتنى باشقا شەكىلدە ئالىسىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەربىر نەزەرىيە ئۆزىنى دۇنيانىڭ باش رولچىسى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن، مودېرنلىشىش نەزەرىيەلىرى دۇنيادا ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ۋە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشتىكى «ئاخىرقى نىشان»نىڭ مودېرنلىشىش ئىكەنلىكىگىلا مەركەزلىشىدۇ. دېمەك، بۇ چاغدا بىز مودېرنلىشىش باش رول ئالغان بىر فىلىمنى كۆرۈۋاتقان بولىمىز.
ماركسىزمچىلارغا نىسبەتەن، دۇنيا تارىخىدىكى ھەرقانداق ھادىسە پەقەت سىنپىي زىددىيەت ئىچىدىلا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا تارىخىنىڭ بىردىنبىر يۆنىلىشى ۋە لىنىيەسى پەقەت كوممۇنىزم بولۇپ، ئىزچىل ھەم سىستېمىلىق توقۇنۇش جەريانى سۈپىتىدە ئىلگىرىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، تۇنجى دەۋر ماركسىزمچىلارنىڭ دۇنيا تارىخىغا قاراتقان دىققىتىنى سىنپىي زىددىيەتتىن باشقا بىر تەرەپكە تارتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن پۈتۈن دۇنيا تارىخى پەقەت «سىنپىي زىددىيەت تارىخى»دىنلا ئىبارەت.
ناۋادا سىز دۇنيا تارىخىغا ۋە تارىختا يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەرگە ماركسىزم نۇقتىئىينەزىرىدە قارىغىنىڭىزدا، ھەممە نەرسە ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك، ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ توقۇنۇشلىرى كۈنسېرى ئاشۇ نىشانغا قاراپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، بۇ ئېقىمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەخمىنلىرى تۈپەيلىدىن، ھادىسىلەرگە بۇ نۇقتىئىينەزەر بىلەن قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى كۈندىن – كۈنگە ئازىيىپ، «چوقۇم مۇشۇ نۇقتىئىينەزەر بىلەن قارىشىمىز كېرەك» دەيدىغانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىزچىل سوغۇق سۇ سېپىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ نەزەرىيەنى ياقىلاشتا چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلارنىڭ دۇنيا تەسەۋۋۇرى يەنىلا مۇشۇ.
شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارغانسېرى سېكۇلارلىشىۋاتقانلىقى قارىشىنى بىزگە مەجبۇرىي تېڭىۋاتقانلارنىڭ نەزەرىيەلىرىگە مۇشۇ نۇقتىدىن قارىساق، تېخىمۇ بەكرەك پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ، ئادەتتە ھادىسىلەرنى قانداق ئەستە قالدۇرغانلىقىڭىز، بۇ جەرياندا قانداق تەخمىنلەرنى قىلغانلىقىڭىز ۋە تەخمىنلىرىڭىزنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنىڭ قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. ھادىسىلەرنى ئەستە ساقلاشتا ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن بىرەر ھېكايە تەسەۋۋۇرغا يەرلەشكەن ۋە بۇ ۋەقەنى ئەستە ساقلاش جەريانى باشتىن – ئاخىر ئاشۇ ھېكايىنىڭ ئىچىگە قاپسالغان بولىدۇ. خۇددى سېكۇلارلىشىش نەزەرىيەسى بولۇپ ئۆتكەن ھەممە ئىشقا ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى بولغان سېكۇلارلىشىش نۇقتىئىينەزىرى بىلەن قارىغاندەك. ھالبۇكى، شۇ ھېكايىنىڭ ئۆزىگە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كەچۈرمىشلىرى نۇقتىئىينەزىرى (ماركسنىڭ سىنپىي زىددىيەت نەزەزىيەسى) بويىچە قارىغىنىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا باشقا بىر دۇنيا نامايان بولىدۇ.
چارلىس تايلورنىڭ يېقىنقى دەۋردە نەشر قىلىنغان «سېكۇلار چاغ» ناملىق غايەت توم كىتابىنىڭ بەتلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرگىنىڭىزدە، سېكۇلارلىشىشنىڭ باشقا – باشقا جەمئىيەتلەردە باشقا – باشقا شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا دائىر قۇرلار، شەرقشۇناسلىققا ياكى ياۋروپا مەركەزچى تارىخشۇناسلىققا قارشى بەزى تىركىشىشلەر كۆزىڭىزگە چېلىقسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ھېكايىنىڭ باشتىن – ئاخىر جەريانىدىكى مەركىزىي ئىدىيەنىڭ پەقەت پۈتۈن دۇنيانىڭ سېكۇلارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرىسىز. ۋەقەلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش پەرىزىگە ئاساسەن يېزىلغانلىقى، نەتىجىدە سېكۇلارلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى غەلىبە» قىلىپ كۆرسىتىلىشى ماھىيەتتە يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پۈتۈن مودېرنلىشىش ھېكايىلىرىنىڭ يەنە بىر يۈزىدىنلا ئىبارەت.
ھالبۇكى، ئوخشاش رېئاللىق باشقا – باشقا ئىجتىمائىي مۇھىتلاردا ياكى باشقا دۇنيالاردا باشقىچە ئوتتۇرىغا چىقىشى، باشقىچە ھېس قىلىنىشى ياكى باشقىچە چۈشىنىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىز دۇنياغا ئۆز نۇقتىئىينەزىرىمىز بىلەن قارىغىنىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدىغىنى بىر «سېكۇلارلىشىش دەۋرى» ئەمەس، ئەكسىچە كۈنسېرى شىددەت بىلەن دىندارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقان دەۋردۇر. كۆزىمىزگە دۇنيا بارغانسېرى تەلۋىلەرچە ئۆزىنى ھەدەپ دىنغا ئېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. جۈملىدىن، سېكۇلارلىشىشنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرى تۇنجى بولۇپ كۆرۈلگەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ھەر تەرىپىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ئارتىش گەرچە دىندارلىق بىلەن دەلمۇدەل ئوڭ تاناسىپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، دىنىي كىملىكنىڭ كۈچىيىشىدە ۋە تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە مۇتلەق دىنىي نۇقتىئىينەزەر بىلەن قارايدىغان ۋە بۇ جەريانغا دەل مۇشۇنداق غەرەزدە ئىشتىراك قىلىدىغانلارنىڭ بەلگىلىگۈچىلىك نىسبىتىگە قەتئىي سەل قارىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئالىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بىلەن كېسىشىدىغان تەرىپى ياكى باشقا ئەقىلگە سىغىدىغان بىرەر سەۋەبى يوق. مەيلى ئامېرىكىدا ياكى ياۋروپادا ۋە ياكى ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان نۇقتىئىينەزەرگە ئىگە ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئىستىقبالى پارلاق بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتە ئۆز يۇرتلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلىپ ياشايدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىڭىزدا شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيسىزكى، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى سېكۇلارلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە ئېسكاتولوگىيە ، تېئودىسە ، تېئولوگىيە ۋە مەھدىيلىك دېگەندەك پۈتۈن دىنىي ساھەلەردە بەلگىلىگۈچىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىدۇر. دىندارلىق پەقەت «سېكۇلار» دەپ كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارشى «دىنىي» دەپ كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىدە ياكى تېخىمۇ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇشىدا ئەمەس، شۇ سېكۇلارلىشىش ئارزۇسى ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن دىندارلىقتىمۇ نامايان بولىدىغان بىر ئەھۋالدۇر.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەڭرىنى قىيامەتكىلا چەكلەپ، كاھىنلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغان بەندىنىڭ ئىرادىسىدىمۇ نامايان بولىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەرسىكى، بۇ دۇنيادا بىر بۇتنىڭ تومۇرىدىن ئېقىپ چىقىپ، يەنە بىر بۇتنى تىرىلدۈرۈش بىلەن مەشغۇل. قۇرئان كەرىم ياسىن سۈرىسىدە دېيىلگىنىدەك، ئىنسانلار «ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ چوقۇنغان تەڭرىلىرىگە يەنە ئۆزلىرى ھاياتلىق بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەييار تۇرىدىغان لەشكەرلەرگە ئايلانغان». بۇ تەسۋىردە بۇتپەرەسلىك بولسىمۇ، دىندارلىقتىن يىراقلىشىش يوق، ئەكسىچە قويۇق دىنىي تۈس مەۋجۇت. بۇتپەرەسلىك جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسى بويىچە قويۇق دىندارلىق تۈسىگە ئىگە بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تەڭرىلىرىنى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆز خىزمەتلىرىگە سالغانلىقى تولىمۇ مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. دۇركېيمنىڭ توتىم ئانالىزىدا ئىپادىلەنگەندەك، بۇتلار خەلقنىڭ چوقۇنۇش ئىپادىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن چاغدا، بۇتپەرەسلىكنىمۇ بارغانسېرى ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىشىپ، ئۆزلىرىگە بېقىندىلىققا يۈزلىنىشى؛ دۇنيالىق پىلانلىرىغا قەتئىي ئارىلاشمايدىغان، ئەكسىچە پىلانلىرىغا ماسلىشىدىغان تەڭرىلەرنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئىجاد قىلىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇتپەرەسلىكنىڭ قارىماققا چەكتىن ئاشقان دىنىي تۈستەك كۆرۈنۈشى بىلەن دۇنياۋىلىقى ئارىسىدىكى بۇنداق زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت كۆزدىن قاچىدۇ.
قارىغاندا دىندارلىق ياكى سېكۇلارلىقنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسىي جەھەتتىن سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا باھا بېرىشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك ئەمەس. چۈنكى، سېكۇلارلىشىش ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەرمۇ دىندارلىشىشنىڭ، كونسېرۋاتىپلىق (مۇتەئەسسىپلىك، كونىلىقنى ياقىلاش، بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇش) ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەرمۇ ئوخشاشلا دىننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگىلا ئاساسلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، دىندارلىقنىڭ گېپى بولغاندا نىيەت، قەلب ۋە سەمىمىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىغا لايىقىدا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوبيېكتىپ بىرەر ئۆلچەم يوق. بۇنىڭغا ئاددىيغىنا بىر مىسال ئېلىشقا توغرا كەلسە، «باشقىلار كۆرسۇن، جەمئىيەتتە ئابرۇيۇم بولسۇن» دېگەن مەقسەتتە ئوقۇلغان، ئەمما دىندارلىقتىن قىلچە نېسىۋە ئالالمىغان ناماز ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە چوقۇم دىندارلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ھالبۇكى، ماھىيەتتە مەزكۇر ناماز تامامەن سېكۇلار نامازدۇر.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە، ئىبادەتكە بولغان ئىشقى بىلەن ھەم شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتكەن ھالدا ئىبادەت قىلىدىغان بىرىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ھېچقاچان دىندارلىق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى دىندارلىق ھەرىكىتىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، بىر مۇئمىن ئەڭ دۇنياۋى (سېكۇلار) دەك كۆرۈنگەن ۋە شۇنداق قارىلىدىغان بىر ئىشنى «بىسمىللاھ» دەپ باشلاپ، بىر دەمدىلا دىنىيلاشتۇرۇۋېتەلەيدۇ. يەنە شۇ ئىشنىڭ ئۆزىنى باشقا بىرى تامامەن سېكۇلار بىر شەكلىدە، يەنى ئۆزىگە ئائىت بىر ئىش سۈپىتىدە قىلىدۇ. سىرتتىن قارىغان كىشى بۇ ئىككى ئىشنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرلمىسىمۇ، قىلغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مەزكۇر ئىككى ئىش ئارىسىدا ئېتىلمەس بىر ھاڭ مەۋجۇت بولىدۇ.
قۇرئان ئوقۇيدىغان، پۈتۈن ئەس – يادى قۇرئاندىكى ئۇقۇملار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قەلبى ئۇنىڭ ئايەتلىرى بىلەن تىترەيدىغان بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىلمى، تەقدىرى ۋە نازارىتى ئاستىدا يۈز بېرىدۇ، ئاللاھ بۇ دۇنيادىن غاپىل قالمايدۇ. «سېكۇلار چاغ ھېكايىسى»دە دېيىلمەكچى بولغىنى شۇكى، ئىنسانلار ھازىر ئاللاھقا ياكى سېكۇلار مەنبەلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا «تەڭرىلەر»گە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغان بولغاچقا، تەڭرىلەرنىڭ بۇ دۇنيا ئىشلىرىدىن بارغانسېرى چېكىنىدىغانلىقىدۇر. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ قاراش ئەمەلىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دىنغا بولغان رىغبىتى بارغانسېرى ئارتسا ئارتىۋاتىدۇكى، ھەرگىز كېمەيگىنى يوق. بۇنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن نۇقتىئىينەزەرنى ئۆزگەرتىش لازىم.
مېنىڭچە، ئىسلامچىلىق ياكى كونسېرۋاتىپلىق نۇقتىئىينەزىرىدە تۇرۇپ، مەلۇم دەرىجىدە چۈشكۈنلۈك بىلەن سېكۇلارلىشىش ھېكايىسىنى ئېيتىۋاتقانلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى سېكۇلارلىشىش شامىلىغا قارشى دىندارلىقنى مۇداپىئە قىلىمەن دەپ سېكۇلارلىشىشنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىقتۇر، خالاس.