غەرب دۇنياسىدا ياشىسا بولمامدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «أنا بريء من كل مسلم يقيم بين ظهراني المشركين»، «مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان ھەرقانداق مۇسۇلماندىن بىزار» دېگەن (تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
پەيغەمبەرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسى مۇئەييەن بىر شارائىتتا قارىتا دېيىلگەن. چۈنكى مەككىدە دۈشمەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان بىر مۇسۇلمان جەڭ ئارىسىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، مۇسۇلمانلار ئۇ ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
ئۆز زامانىدا مەككىدەك ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك ئېلان قىلىۋاتقان، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلالمايدىغان، جەڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلماننىڭ ئۇ زاماندا مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ كېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى مەككە فەتھى بولۇشتىن ئىلگىرى مەككىدىكى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە مەدىنە دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى پەرز ئىدى. مەككە فەتھى بولغاندىن كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.
ئۇ زاماندا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ھەققىدە ئېنىق بۇيرۇق تۇرسىمۇ ھىجرەت قىلماي دۈشمەنلەر ئارىسىدا ياشىغانلىق سەۋەبىدىن، جەڭ ئارىسىدا مۇسۇلمان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كىملىكى بىلىنمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇسۇلمانلارغا يۈكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا دىيەت تۆلەنمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن كاپىرلار ئارىسىدا ياشايدىغان ھەربىر مۇسۇلماندىن بىزار» دېگەن سۆزى مانا مۇشۇ تۈردىكى مۇسۇلمانغا قارىتىلغان.
پەيغەمبەرىمىزنىڭ بۇ ھەدىسىنى بۈگۈنكى زاماندا غەرب دۇنياسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئىشلىتىپ دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەدىس مۇئەييەن سەۋەبلىك مۇئەييەن شارائىتقا قارىتىلغان ھەدىستۇر. يەنى مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان.
يەنى بۇ ھەدىس دۈشمەننىڭ زېمىنىدا ياشاش سەۋەبلىك دىنىنى، ھاياتىنى، ئىززەت -ئابرۇيىنى، ئائىلە ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىنى ھىمايە قىلالماسلىق ھەمدە مال-مۈلكىنى قوغدىيالماسلىق جەھەتتىن خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغان مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنى قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا چۈشىنىش لازىم، شۇنىڭدەك خاس ھۆكۈمنى ئومۇملاشتۇرماسلىق لازىم.
بەزىلەر ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى بىلمىگەنلىكى ياكى رىئايە قىلمىغانلىقىدىكى ھەمدە ھەدىسلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن دېيىلگەنلىكى ھەققىدە ئىزدەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئاڭسىزلىق ۋە چۈشەنچە كىرىزىسى ئىچىدە ياشىماقتا.
بەزىلەر چۈشەنچە كىرىزىسى سەۋەبىدىن بۇ ھەدىسنىڭ دېيىلىش شارائىتىغا نەزەر سالماستىن، بۈگۈنكى زاماندا غەرب دۇنياسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا مەزكۇر ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭدەك يەنە ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمايدىغان ۋە سۈننەتنى ئىنكار قىلىدىغان زىندىقلارمۇ ھەدىسنى ئىنكار قىلىشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بازارغا سېلىپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرماقتا.
بۈگۈنكى زاماندا خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار خاتىرجەم ياشاش، ئوقۇش، دەۋەت قىلىش، ئىش قىلىش، تىجارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرتۈرلۈك توغرا بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلى باشقا ئەللەردىن كۆچۈپ كېلىپ غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتىدۇ.
بۈگۈن غەربتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار كىملىكىنى ئاشكارا قىلالايدۇ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشالايدۇ، باشقىلار بىلەن تېز ئالاقىلىشالايدۇ، مەسچىت ۋە مەكتەپ سالالايدۇ…
غەرب دۇنياسىدا ياكى باشقا ئەللەردە ياشاشنىڭ شەرتى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، ئەخلاقىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداشقا، بالا-چاقىلىرىنى ئىسلامىي قىممەت قاراش ئاساسىدا تەربىيەلىشىگە ۋە مىللىي كىملىكىنى ھىمايە قىلىشقا باغلىق.
دېمەك، مۇسۇلمان يۇقىرىقى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا غەرب دۇنياسىدا ياشىسا، گۇناھ بولمايدۇ.
ئاخىردا، ئىسلامنىڭ باشقىلار بىلەن ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلار ئارىسىدىكى ئەسلىي قائىدە تىنچلىق ئالاقىسىدۇر. ئۇرۇش قىلىش زۇلۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم ھالەتتۇر.
2. باشقىلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.
3. مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسا باشقىلارغا گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ دەۋەت قىلىشى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىدۇر .
4. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئادالەتتۇر…
بۇ يازما غەرب دۇنياسىغا ھىجرەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارغانلار يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا ياشىسا گۇناھكار بولامدۇ ياكى گۇناھكار بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ۋە مەزكۇر ھەدىسنى ساغلام چۈشىنىشكە مۇناسىۋەتلىك.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.