2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلارھىدايەت تاپىسىلەر

ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ﵟقُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيۡكُم مَّا حُمِّلۡتُمۡۖ ‌وَإِن ‌تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُﵞ «ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دەيدۇ (نۇر سۈرىسى، 54 – ئايەت).
بۇ ئايەت ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بەلكى ئىنساننىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك يەنى ھىدايەتتە مېڭىش ياكى ئېزىپ كېتىشتىن ئىبارەت ھالقىلىق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىگە ئىتائەت قىلىشى ئىنسان ھاياتىنى يورىتىدىغان ۋە ۋىجدانىنى تىرىلدۈرىدىغان نۇر ۋە ھىدايەتتۇر.
ئاللاھ: «‌وَإِن ‌تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ» دېگەن بۇ ئايەتتە شەرت بىلەن نەتىجىنى ياكى سەۋەب بىلەن نەتىجە قانۇنىيىتىنى بايان قىلماقتا. بۇ يەردىكى شەرت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە يوليورۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش، چەكلىمە ۋە توسقانلىرىدىن يېنىشنىڭ نەتىجىسى ھىدايەت تېپىشتۇر، توغرا يولدا مېڭىشتۇر، ئازغۇنلۇق ۋە خاتا يولدىن ساقلىنىپ قېلىشتۇر.
بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر، ئاللاھنىڭ روشەن ۋەدىسىدۇر، ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. ئىنساننىڭ توغرا يولدا ياشىشى، ھىدايەت تېپىشى، دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە غەلىبە قىلىشى «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت» قىلشىتىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتكە بويسۇنۇشقا باغلىق.

«ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېگەن قانۇنىيەت

  1. ئىتائەت:
    ھىدايەت تېپىش قانۇنىيىتىدىكى بىرىنچى شەرت ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتۇر. ئىماننىڭ ئەمەلىي تەقەززاسى ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە ئىككىلەنمەي ۋە جېدەل قىلماي ئىشەنچ ئاساسىدا ئىتائەت قىلىشتۇر.
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىگە ئىتائەت قىلىش بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشى ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر.
  2. ھىدايەت:
    كىم ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يانسا ھىدايەت تاپىدۇ، ئېزىپ كەتمەيدۇ، بەختسىز بولۇپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇ غايىسىنى بىلىپ، ئىككى دۇنيالىق بەخت سائادەت يولىدا توغرا ماڭىدۇ: «ﵟ‌وَمَن ‌يُطِعِ ‌ٱللَّهَ ‌وَرَسُولَهُۥ وَيَخۡشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقۡهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَﵞ» (نۇر سۈرىسى، 52 – ئايەت).
    ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ﵟوَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدۡ ضَلَّ ‌ضَلَٰلٗا ‌مُّبِينٗاﵞ» دەيدۇ (ئەھزاب سۈرىسى، 36 – ئايەت).
    دېمەك، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھاياتلىقتىكى بارلىق ئىشلىرىڭلاردا توغرا يولدا ماڭالايسىلەر، بارلىق ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلەيسىلەر، خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشەلەيسىلەر. ئىش-ھەرىكىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە، ھەقىقەتنى تونۇشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا ئېرىشىسىلەر.
    دىن ئىشلىرىدا، ئەقىدە ئاساسلىرىدا، ئىبادەت ئاساسلىرىدا، سودا- سېتىق ئاساسلىرىدا، ئەخلاق ئاساسلىرىدا، قىممەت قاراش ئاساسلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھايات ئاساسلىرىدا ھىدايەت تېپىشنىڭ ئاساسىي ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەڭ ئىتائەت قىلىشتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي