زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت مەزلۇم ھەم زالىم مىللەتتۇر
مۇستەملىكە ياكى دىكتاتۇرلۇقنىڭ سەۋەبى مىللەتنىڭ غاپىللىقى، بۆلۈنۈشى ۋە خىيانەتتۇر.
زۇلۇمغا ياكى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەت ئۆزىدىن باشقىلارنى مالامەت قىلماسلىقى لازىم، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت مەزلۇم ھەم زالىم مىللەتتۇر، يەنى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان، ئۆزىگە خىيانەت قىلغان ۋە بىرلىشەلمەي بۆلۈنۈپ كەتكەن مىللەتتۇر.
ھۆرلۈكى، ئەقىدىسى، ھۆرمىتى، ئىززىتى، ئادالىتى، ئىنسانلىقى، بىرلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا سەل قارىغان مىللەت ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان مىللەتتۇر.
ئاللاھ : «بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغان» دەيدۇ (نەھل سۈرىسى ، 118- ئايەت)
ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي، بىزنى مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچى زالىمدىن قۇتقۇزغاي، بىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلغاي، ئىلتىجا قىلىپ سوزۇلغان قوللىرىمىزنى قۇرۇق قول قايتۇرمىغاي.، باشقا سەۋەب-چارىلىرىمىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.