ئىسلامدىكى ئوتتۇرھاللىقنىڭ ماھىيىتى
ئىسلامدىكى ئوتتۇرھاللىق چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خاتا يۆلىنىش ئارىسىدىكى ئادالەتتۇر.
ئوتتۇرھاللىق دېگەن پىرىنسىپال ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەردە مۇستەھكەم تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پىرىنسىپال مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى تۇتۇپ يەنە بىر قىسمىنى تۇتماسلىق ئوتتۇرھاللىق ئەمەس. ئىسلامغا تولۇق ئەمەل قىلىش ئوتتۇرھاللىقتۇر.
دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدا سۇسلۇق قىلىش، ياكى بىرەر پىرىنسىپتىن ۋاز كېچىش، ياكى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىش، ياكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ئىسلام تەشەببۇس قىلىدىغان ئوتتۇرھاللىق ئەمەس، بەلكى بۇ قىلمىشلار ئىسلامدىن يىراقلىشىش ۋە يىراقلاشتۇرۇشتۇر.
ئىسلام قۇرئان ۋە سۈننەتتە تەلەپ قىلىۋاتقان ئوتتۇرھاللىق بىلەن بىر قىسىم نائەھلىيلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان جۇڭگوچە ياكى غەربچە ئىسلام ئوتتۇراھاللىقى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي