رامىزانغا قانداق كىرىمىز؟
1. روزا باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى قايتۇرۇش ياكى رازىلىشىش،
2. قەلبنى قۇرئان تىلاۋىتىگە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆگىنىشكە ھازىرلاش،
3. قەلبنى قېرىنداشلىرىغا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، مەنمەنچىلىك، ئىچى يامانلىق، پۇرسەتپەرەسلىك ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىشتىن پاكلاش،
4. روھنى پاكلاش، ئىماننى يېڭىلاش ۋە ئەخلاقنى تۈزىتىش،
5. نەپسىنى يامان ئىللەتتىن، ناچار ئادەتتىن، شەھۋەت پىتنىسىدىن ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاكلاش،
6. ئىدىيەنى ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى، قىممەت قاراشلىرى، ئىسلام قېرىنداشلىقى ۋە ئۈممەت تەۋەلىكىگە دۈشمەنلىك قىلىشتىن پاكلاش،
7. تىلىنى غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، تۆھمەت، ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ساقلاش، ھەمدە زىكىر تەسبىھ ئېيتىشقا ۋە پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش،
8. يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ ئۇلۇغ پۇرسەتتە قۇرئان كەرىمنى قانچە قېتىم تۈگىتىش ئۈچۈن ئالدىن پىلان تۈزۈش ۋە پىلان بۇيىچە ئوقۇش،
9. ساۋاب كۆپ بولىدىغان بۇ ئايدا ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان زاكاتنى ئادا قىلىشقا، سەدىقە ۋە خەيرى ئېھساننى كۆپ قىلىشقا ئالدىراش،
10. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى غەيۋەت، تۆھمەت، پىتنە پاسات خاراكتېردىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ سېلىشتىن، ھەمبەھرىلەشتىن ياكى بارماق بېسىپ قوللاپ سېلىپ گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش،
11. تېلېفون ئويناپ ۋە قۇرۇق پاراڭ سېلىپ تاراۋى نامىزىدىن غاپىل قالماسلىق، شۇنىڭدەك ئىماننى ئاشۇرىدىغان، ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ئەخلاقنى تۈزىتىدىغان پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇشقا سەل قارىماسلىق…قاتارلىقلار روزىغا ساغلام كىرىشنىڭ ئاساسلىرىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.