قۇرئان كەرىم شېرىكچىلىكنى ۋە قەرزنى ھۆججەتلەشتۈرۈشكە بۇيرۇماقتا
تىجارەتتىكى شېرىكچىلىك، ئورتاقچىلىق ۋە قەرز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ جېدەل ماجىرا، تالاش- تارتىش، تىنىۋېلىش، ئىنكار قىلىش… قاتارلىق زۇلۇم خاراكتېرىدىكى ئىشلارغا سەۋەب بولماسلىقى ئۈچۈن ھۆججەتلەشتۈرۈپ ئىش قىلىش ئەسلىي قائىدە ھېسابلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلىدىغانلاردىن باشقا كۆپلىگەن شېرىكچىلىك ئاساسىدا ئىش قىلغانلار بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ» دەيدۇ (ساد سۈرىسى، 24 – ئايەت).
بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كىچىك ئىش بولسىمۇ يېزىپ ۋە ئىمزا قويۇپ ھۆججەتلىشىشكە بۇيرۇغان : «ئۇ ئىش (قەرز ۋە مۇددىتى) چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن يېزىپ قويۇشتىن زېرىكمەڭلار (سەل قارىماڭلار» (بەقەر سۈرىسى، 282- ئايەت).
ھۆججەتلەشتۈرۈش: يېزىپ قويۇش، گۇۋاھچى قىلىش، گۆرۈگە قويۇش، ئىمزا قويۇش، تامغا باستۇرۇش، چاك بېرىش، كېپىل بولۇش، شىركەتلەشتۈرۈش… قاتارلىق ئۇسۇل چارىلەر بىلەن بولىدۇ.
دېمەك، شېرىكچىلىك، ئورتاق تىجارەت قىلىش ۋە قەرز ئىشلىرىدىكى ئەسلىي قائىدە ھۆججەتلەشتۈرۈش ئاساسىدا بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.