ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۇلۇغلاش روھىنى يېتىلدۈرۈش
رامىزان ئېيى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئۇلۇغلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ: «رامىزان…تەقۋالىق روھىنى يېتىلدۈرۇشۈڭلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى» (بەقەرە سۈرىسى، 183- ئايەت).
رامىزان ئېيى يېمەك-ئىچمەكتىن توختاش ئۈچۈن پەرز قىلىنمىدى، بەلكى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك غايىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەرز قىلىندى.
يۇقىرىقى ئايەتتىكى «تەقۋالىق روھىنى روھىنى يېتىلدۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن» دېگەن چاقىرىق رامىزان ئېيىنى ئىتائەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، ئىبادەت روھىنى يېتىلدۈرۈش، روھىنى پاكلاش، نەپسىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش، ئەخلاقىنى تۈزىتىش ۋە ياخشى ئادەم يېتىلدۈرۈش…نى نىشان قىلىدۇ.
تەقۋالىق دېمەك تىلنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزۈشتىن، ياكى كۆزنىڭ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دېمەكتۇر.
بۇ ھەقىقەتنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىم رامىزان تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان گەپ سۆز – قىلىشنى ۋە يالغان گەپ -سۆزنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە ئىش- ھەرىكەت قىلىشنى تاشلىمىسا، ئۇنىڭ يېمەك- ئىچمەكنى تاشلاپ تۇتقان روزىسىغا ئاللاھنىڭ ئېھتىياجى يوق» (ئىمام بۇخارى بايان قىلغان) دېگەن سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ.
يەنى كىم رامىزان كۈنلىرىدە يالغان گەپ قىلىش، ئۆسەك سۆز تارقىتىش، تۆھمەت قىلىش، ھارام يېيىش ۋە ھەقىقەتكە قارشى مەيداندا تۇرۇش…قاتارلىق ئىللەتلەرنى تاشلىمىسا، ئۇنىڭ يېمەي -ئىچمەي تۇتقان روزىغا ساۋاب بېرىلمەيدۇ.
دېمەك، روزا تۇتۇشنىڭ تەقەززاسى ئاللاھنىڭ پەرز قىلغان بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش، كۆرسەتمىلىرىنى ئۇلۇغلاش، پەرمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، توسقان ئىشلىرىدىن يېنىش، تەۋبە قىلىش، ئىتائەت يولىنى تۇتۇپ مېڭىش ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش مەقسەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي