بايراق مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى قېتىم قۇرئان-سۈننەتنى قانۇن قىلغان ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان.
تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىسلام بايرىقىنى دۆلەت سۈپىتىدە بىرىنچى قېتىم لەپىلدەتكەن.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تەۋھىد بايرىقىنى چىڭ تۇتۇپ كەلگەن.
مەسجىدلىرىمىزنىڭ مۇنارىدىكى ئاينىڭ سىمۋولى ۋە كۆك ئاسماندىكى سۈزۈكلۈكنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھېلىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئىگە.
20-ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان سابىت داموللام ۋە باشقا ئۆلىمالىرىمىزنىڭ تاللىغان بايراق شەكلى ۋە رەڭگى تەۋھىد ۋە سۈزۈكلۈكنىڭ سىمۋولىدۇر.
***
بايراق ۋەتەن ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بەلگىسى، بايراق ئەركىنلىك ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋولى، بايراق ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ئىپادىسى، بايراق بىر پارچە رەخت بولغىنى بىلەن ئىززەت-شەرەپ ۋە پىداكارلىقنىڭ بەلگىسى.
بايراقنى ھۆرمەتلەش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ سىمۋولى، ھۆرلۈك ۋە ئىززەت-شەرەپنىڭ سىمۋولى، قان تۆككەن شېھىتلەرنىڭ سىمۋولى.
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەرخىل رەڭدىكى بايراقلارنى ئىشلەتكەن، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ ئايرىم بايرىقى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ جەڭگە چىقىدىغان چاغلاردا ھەر بىر توپ قوشۇنغا ئايرىم بايراق تۇتقۇزاتتى. يەتتىنچى يىلى يۈز بەرگەن «مۇئتە» جېڭىدە بۈيۈك ئۈچ قوماندان ساھابە بايراقنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
2018- يىلى، مارت.