رامىزاندا ئاياللارنىڭ ئەجرى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاز ئەمەس
ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش روزا تۇتىدۇ، كېچىلىرى ئەرلەردەك كۆپ ئۇخلىيالمايدۇ.
ئىرى ۋە باللىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ئۈچۈن كېچىدە قوپۇپ سوھۇرلۇق تەييارلىسا، سوھۇرلۇقتىن كېيىن قاچا-قۇچىلارنى يۇيىدۇ.
كەچتە ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى ئۈچۈن ئىپتارلىق تەييارلايدۇ، ئىپتارلىقتىن كېيىن يەنە قاچا- قۇچىلارنى يۇيىدۇ. مانا بۇ ئىشلار نىيەتكە قارىتا ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.
تاراۋى نامىزىغا قاتنىشىدۇ. قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئوقۇيدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ماللىرىدىن زاكات بېرىدۇ ۋە خەيرى ئېھسان قىلىدۇ.
كىچىك بالىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، مەكتەپكە بارىدىغان بالىلىرى بولسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ دەرسلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئارام ئالىدىغان ۋاقتى ئاز چىقىدۇ…
بۇ سەۋەبتىن، ئاياللارنىڭ رامىزاندىكى ئەجرى ئەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، بەلكى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، قوپاللىق قىلماستىن، دىلىنى رەنجىتمەسلىك، كۆيۈنۈش، جاپا تارتىپ ئەتكەن تاماقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش، كىچىك بالىلىرى بولۇپ قالسا، ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن، ئەجىرنى ھەسسىلەپ بەرسۇن، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن، ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي