رامىزان ئۆزىنى ئوڭشاش پۇرسىتى
بەلكىم بەزىلەر خاتا ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى بەزى سەلبىي ئىشلىرىنى تۈزىتەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، ياكى ھاياتىدا يېڭىلىق يارىتالمايدۇ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن رامىزان ئېيى كەلگەندە ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشكە تىرىشقان ئىنسان بۇ ئويلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە يېڭىچە تەسەۋۋۇر يارىتالايدىغان ئىرادىگە كېلىدۇ.
بەزىدە ھەپتىدە بىرەر قېتىم نەپلە رامىزان تۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇتالمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، رامىزان ئېيى كەلگەندە ياز كۈنلىرى بولسىمۇ تولۇق بىر ئاي رامىزان تۇتالايدۇ. رامىزان ئېيىدا كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەھۋەتلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، نەپسىنىڭ يامانلىقىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، شەيتاننىڭ گۇناھ ئىشلارغا ۋەسۋەسە قىلىشىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، بەلكى رامىزان ئېيىدا كۈندىلىك تۇرمۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھاياتىغا يېڭى روھ، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى گۈزەل ئادەتلەرنى قوشالايدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رامىزاننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى بىلەن ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ.
مىسال ئالساق، بەزىلەر بەزاب ۋە ئەخلاقسىز تىلىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ،
بەزىلەر گۇناھ بولىدىغان ناچار سۈرەتلەرنى كۆرۈپ سالىدىغان كۆزىنى يۇمىدىغان بولىدۇ،
بەزىلەر غەيۋەت، سۇخەنچىلىك ۋە تۆھمەتكە ئوخشاش ھارام گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلاپ سالىدىغان قۇلقىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ،
بەزىلەر بەڭگىلىك، قىمار ۋە ۋاقىتنى زايە قىلىدىغان پايدىسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ،
بەزىلەر ناماز باشلاپ بولالمىغان بولسا، رامىزاندا نامىزىنى باشلىۋالىدۇ،
بەزىلەر قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان بولسا، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ،
بەزىلەر ئىسلام ئۈممىتى ياكى ئىسلام قېرىنداشلىقى ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسا، چۈشەنچىسىنى تۈزىتىۋالىدۇ،
بەزىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام ئۈممەتچىلىكىنى سوقۇشتۇرۇپ خاتا چۈشىنىۋالغان بولسا، خاتالىقىنى تۈزىتىۋالىدۇ.
بەزىلەر ئىككىلىنىپ يۈرگەن بولسا، رامىزاندا غايە- نىشان بەلگىلەپ ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئىرادە باغلىيالايدۇ.
دېمەك، ئىنساندا ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيەت بار، قاچانىكى ئىنسان ئىرادىگە كەلسە نىشان قىلغان مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. چۈنكى مەقسەت ۋە ئۈمىدنىڭ ھەممىسى ئىرادىگە باغلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك ئىنسان ئۆزى، ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتىدە شۇنداقلا ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن خاتالىقلىرى ياكى قىيىنچىلىقلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن يولنى توغرىلاش، ئىرادىگە كېلىپ ساغلام قەدەم بېسىشتىن باشقا نەرسىگە موھتاج بولمايدۇ.
ئاللاھ بۇ توغرىدا: «ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزلىرىدىكى ئىللەت ۋە كېسەللەرنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنمىغىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دەيدۇ (رەئد سۈرىسى، 11 – ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي