رامىزان ئۆمۈر پۇرسىتى
قەلبلەرنى پاكلايدىغان، كۆڭۈلدىكى ئىللەتلەرنى تازىلايدىغان، ناچار ئەخلاقنى تۈزىتىدىغان، ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئىماننى كۈچەيتىدىغان، مەنىۋىيەتكە ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، قېرىنداشلىق روھىنى يارىتىدىغان، ھەمكارلىق، ئىنساب ۋە كەڭ قورساقلىق روھىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، كۆڭۈلگە راھەت، ھاياتقا ئۈمىد بېغىشلايدىغان رامىزان ئېيى يېڭىدىن نۇر چېچىپ كەلدى.
رامىزان ئېيى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا قايتا تەكرارلانماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئاي يۇقىرىقىدەك چوڭ نىشان- مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيتىنى سۇنىدىغان مۇددىتى قىسقا ئۆمۈر پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ.
رامىزان ئېيى ياكى رامىزان مەكتىپى مۇددىتى قىسقا ئۆمۈر پىلانى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش، ۋاقىتنى ياخشى تەرتىپكە سېلىش، پايدىسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ئۆزىنى تۈزىتىش، ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىمانى قېرىنداشلىق روھىنى كۈچلەندۈرۈش، ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە دۇنيا قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خاتا ئىدىيەلەرنى ئىسلاھ قىلىۋېلىش، قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنسان ھاياتىدا قايتا تەكرارلانماسلىق ئېھتىمالى بولغان ئالتۇندەك پۇرسەت. شۇڭا، بۇ ئاينى ياكى رامىزان مەكتىپىنى ئۆمۈر پۇرسىتى دېيىشكە بولىدۇ.
بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيىدىكى پىلانى قىلىپ سالغان گۇناھلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىبادەتتىكى كەمچىللىكىنى تۈزىتىۋېلىش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى ئىمان ۋە ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇپ ياشاش روھىنى كۈچلەندۈرۈش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى شەيتاننىڭ، كۆڭۈلنىڭ ۋە شەھۋەتنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن قۇرۇتۇلۇش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى روھىنى ۋە نەپسىنى پاكلاپ، گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پىلانى ساۋاب كۆپ بولىدىغان رامىزان ئېيىدا زاكات، سەدىقە ۋە خەيرى ئېھسان ئارقىلىق كۆپ ياخشى ئىش قىلىۋېلىش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ پىششىقلىۋېلىش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى قۇرئان كەرىمنى بىرقانچە قېتىم خەتمە قىلىپ، قۇرئان بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش بولۇشى مۇمكىن،
بەزىلەرنىڭ پىلانى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ساغلام تەپسىر كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ تەپەككۇر قىلىش، ئۇنىڭ ھىدايەت ۋە كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا توغرا يول خەرىتىسىنى بەلگىلەش بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پىلانى ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى قايتا -قايتا ئوقۇپ، ئۆزىدە ھايات خەرىتىسى، كۈرەش روھى ۋە ئىسلامنىڭ ھۆرلۈك، رەھمەت ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پىلانى دوست- دۈشمەن ئۇقۇمىنى ئىلاھىي ۋەھىي ئاساسىدا چۈشىنىپ ئۆزىدە ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، ئادالەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تىكلەش بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پىلانى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاساسىدا مىللەتنىڭ ئىدىيەسىنى توغرا يۆلىنىشكە يۈزلەندۈرۈش، بىر پۈتۈن كىملىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرىكەت مەپكۇرىسىنى مىللەتكە سۇنۇش، ھۆرلۈك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش روھىنى تىرىلدۈرۈش… بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پىلانى دائىملىق ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرەر ئورۇننى ۋەخپە قىلىپ قويۇش، ياكى ئىلغار مەكتەپ سېلىپ قويۇش، ياكى ياراملىق بىرقانچە ئوقۇغۇچىنى مۇھىم كەسىپلەردە ئوقۇتۇپ ئىلمىي كادىرلارنى تەربىيەلەپ قويۇش، ياكى ساغلام ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنى بەربا قىلىش بولۇشى مۇمكىن…
بەزىلەرنىڭ پىلانى توي قىلىشتا قىينىلىپ قالغان بويتاقلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇش، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، رامىزان پىلانى ئەقىلنى، قەلبنى، ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھىممەتنى ۋە ئىقتىدارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش روھىغا ئىگە بولغان ئۆمۈرلۈك پۇرسەتتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.