رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشىدىن خۇرسەن بولدىڭىزمۇ؟
رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بىر ئايدۇر.
رامىزان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، تەقۋالىق ۋە ساغلام مۇسۇلمانچىلىق روھىنى يېتىشتۈرىدىغان بىر ئايدۇر.
رامىزان ئېيى بالىلارنى نامازغا، روزا تۇتۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا كۆندۈرىدىغان ئايدۇر.
رامىزان ئېيى قەلبنى پاكلايدىغان، ئىبادەتلەر بىلەن ھۇزۇر ھېس قىلدۇرىدىغان، غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان، بۇزۇلغان پىسخىكا بىلەن ئەخلاقنى تۈزىتىدىغان، ئۈمىد ۋە ئىرادە ئاتا قىلىدىغان، قېرىنداشلىق ۋە مېھىر شەپقەت ھس قىلدۇرىدىغان، ياخشىلىق روھىنى يېتىلدۈرىدىغان، ناچار ئىشلارنى تاشلاشقا تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلاھات ئېيىدۇر.
رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلارنى ئىتائەت- ئىبادەتلىرى ۋە مۇكاپاتلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدىغان بىر ئايدۇر. سىز خۇرسەنلىك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى، ئاللاھ بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان. بۇ ئايدا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ. بۇ ئايدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل ساۋابقا ئىگە بولغان بىر كېچە بار، كىم بۇ ياخشىلىقتىن قۇرۇق قالسا، ھەقىقەتەن بىچارە بولۇپ قالىدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىم رامىزان ئېيىدا ياشاپ تۇرۇپ، شۇنىڭغا لايىق ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىغا سەۋەب قىلماي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان بولسا، زىيان تارتىپ كەتكەن بولىدۇ» دېگەن (ئىبنى ھىببان بايان قىلغان).
شۇڭا، رامىزان ئېيىنىڭ پۇرسەتلىرىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش، قەلبنى پاكلاش، ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ساغلام دىندارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش بۇ نېمەتنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي