روزا تۇتۇشنىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرى
روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى:
- قورساقنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەكتىن تۇتۇش،
- تىلنى ھارام گەپ – سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتۇش،
- كۆزنى ھارام نەرسىلەرگە قاراپ سېلىشتىن تۇتۇش،
- قولنى ھارام نەرسىلەرنى يېزىش ياكى قوللاپ سېلىشتىن تۇتۇش،
- قۇلاقنى غەيۋەت، تۆھمەت ۋە سۇخەنچىلىكنى ئاڭلاپ قېلىشتىن تۇتۇش،
- نەپسىنى ھارام نەرسىلەرگە ئىنتىلىپ ياكى ئەگىشىپ قېلىشتىن تۇتۇش،
- قەلبنى قېتىپ كېتىش، ھەسەت، ئۆچمەنلىك، كىبىرلىك، مەنمەنچىلىك قىلىشتىن تۇتۇپ مەدەنىيەتلىك ئىنسان يېتىلدۈرۈشتىن …تىن ئىبارەت.
قۇرئان-سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن روزا تۇتۇشنىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىماننىڭ ئاساسلىرىغا ئىشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش روھىنى جانلاندۇرۇش،
2. تەقۋالىق روھىنى يېتىلدۈرۈش،
3. ھىدايەت يولىدا مېڭىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
4. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ئەمەلىي شۈكۈر ئېيتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
5. پىكرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە توغرا يولغا قايتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
6. قەلبنى پاكلاش ۋە نەپسىنى تۈزىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
7. ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئەخلاق روھىنى يېتىلدۈرۈش،
8. ھەممە ئىشلاردا سەمىمىيەت ۋە ئېھسان روھىنى يېتىلدۈرۈش،
9. ئىپپەتلىك بولۇش ۋە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
10. ئىقتىسادىي ياخشىلىق قىلىش ۋە ياردەم قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
11. چىدامچانلىق ۋە ئىرادىلىك بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
12. ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتلىرىغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
13. تەپەككۇر، ئىش-ھەرىكەت ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
14. نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ شەيتاندىن ئازاد بولۇش، دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىپ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش،
15. ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتكە قارىتا شەخسىي – ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت روھىنى يېتىلدۈرۈش… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي