روزىڭىزنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن قورقمامسىز؟
رامىزان ئېيى كەلگەندە ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەر، ئۇرۇشۇپ قالغان ئائىلىلەر، مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئۇرۇق -تۇغقانلار، تاشلىشىپ كەتكەن دوستلارنىڭ ھەربىرى كۆڭلىدە قارشى تەرەپ ئۆزرە ئېيتسىكەن ۋە قول ئۇزىتىپ كەلسىكەن دېگەن خىيالدا ياشىشى مۇمكىن.
بىر مۇسۇلمان روزا تۇتقان، بەش ۋاقىت نامازنى مەسچىتتە ئادا قىلغان، كېچىلىرى تاراۋى ۋە تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇغان، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىققا تەۋە ئىشلارنى قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەم تۇغقىنىغا، قوشنىسىغا، دوستىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا ئاداۋەت تۇتىدىغان، ئىچى يامانلىق قىلىدىغان، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدىغان ۋە يامانلىقنىڭ كېلىشىنى تىلەپ يۈرىدىغان ناچار بىر ئەخلاقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ روزىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ نېمىدېگەن يامان ئىللەت ھە!، بۇ نېمىدېگەن خەتەرلىك ئىش ھە!، بۇ مىللەتكە نېمىدېگەن يامان زىيانلىق ئىش ھە!
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، ئاللاھ ئاشۇ كۈنلەردە ئىمانىدا شېرىك كەلتۈرمىگەن ھەرقانداق بەندىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىدۇ، لېكىن ئۆزى بىلەن قېرىندىشى ئارىسىدا ئاداۋەت تۇتۇپ يۈرىدىغان كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ ۋە پەرىشتىلەرگە: بۇ ئىككىيلەن ئۆزئارا يارىشىپ قالغۇچە گۇناھىنى كەچۈرمەي كۈتۈپ تۇرۇڭلار» دېيىلىدۇ» دېگەن (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى ھارامدۇر، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ياخشىراقى بۇرۇن سالام بەرگەن كىشىدۇر» دەيدۇ (ئىمام بۇخارى بايان قىلغان).
بەلكىم سىز ھەپتىلەردۇر، ئايلاردۇر ئاداۋەت تۇتۇپ يۈرگەن بىر قېرىندىشىڭىزغا قولىڭىزنى باشتا تەڭلىسىڭىز نېمە بولىدۇ؟ بىرىنچى قەدەمنى سىز ئالسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟
نەپسىڭىزنى بېسىپ، كىبىرىڭىزنى يېڭىپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىنى رەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قېرىندىشىڭىزغا دەسلەپتە قولىڭىزنى سىز ئۇزاتسىڭىز نېمە بولىدۇ!
قېرىندىشىڭىزغا ئاداۋەت تۇتۇشنى توختىتىڭ، دۈشمەنلىك قىلىشنى توختىتىڭ، ھەسەت قىلىشنى توختىتىڭ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشنى توختىتىڭ، ئۆزىڭىزنى ئاپئاق چاغلاپ، باشقىلارنى قاپقارا گۇناھكار ئويلىماڭ، قېرىدىشىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمنى سىز بېسىڭ، ساۋابنى سىز ئېلىڭ، ئىمانى قېرىنداشلىقنىڭ ھەققىنى سىز بۇرۇن ئادا قىلىڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.