ساغلام دىندارلىق قانداق بولىدۇ؟
ئىسلامنىڭ مەقسىتى ئىنسانىيەتنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا، زۇلۇمدىن ئادالەت ۋە ئەركىنلىككە چىقىرىشتۇر.
ئىسلام ئىنسانلارنى ئېتىقاد قاراڭغۇلۇقىدىن ئىمان نۇرىغا، ھارام ئىش-ھەرىكەت قاراڭغۇلۇقىدىن ھالال ئىش-ھەرىكەت دائىرىسىگە، خاتا يول قاراڭغۇلۇقىدىن توغرا يولغا، ناچار ئەخلاقتىن گۈزەل ئەخلاق نۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەقىدە ئاساسلىرىنى قەلبىدە ياكى ئەقلىدە تونۇپ قويسىلا ياكى تىلىدا سۆزلەپ قويسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئەقىدىنىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرىنى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى، گەپ – سۆزلىرى، ئادەتلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ھەرىكەتلەندۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئەقىدە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەكىلگە ياكى قۇرۇق زىننەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئىماننى ئېتىراپ قىلىش دېگەن دىننىڭ ھەقىقىتىنى نامايان قىلىش، ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىش دېمەكتۇر، ئاڭلىق بولۇش دېمەكتۇر، ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش دېمەكتۇر، ئەخلاقلىق بولۇش دېمەكتۇر، سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئىش-ھەرىكەت قىلىش دېمەكتۇر، يېڭىلىق يارىتىش دېمەكتۇر ۋە ئىشنى پۇختا قىلىش دېمەكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.