قەدىر كېچىسىنىڭ ئۇلۇغ بولۇشىنىڭ سەۋەبى
ئاللاھ قەدىر كېچىسى ھەققىدە: «
إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ (1) وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ (2) لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ (3) تَنَزَّلُ الْمَلائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ (4) سَلامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ (5) دەيدۇ.
قەدىر كېچىسىدە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر، قەدىر كېچىسىدە قىلىنغان ئىبادەت 83 يىللىق ئىبادەتكە تەڭ كېلىدۇ، ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىگە تەڭ كېلىدۇ، ئىنسان بۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىغا 83 يىللىق ئىبادەت قىلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ كېچە قانداقمۇ ئۇلۇغ مۇبارەك كېچە بولمىسۇن!. قانداقمۇ بۇ كېچە 1000 ئايلىق ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىدىن ئەۋزەل بولمىسۇن!.
بۇ كېچە ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش خەرىتىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان كېچە ئەمەسمۇ؟
بۇ كېچە تەۋھىد ئەقىدىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش پىلانى بەلگىلەنگەن كېچە ئەمەسمۇ؟
بۇ كېچە ئىنسانلارنىڭ ئەقىدە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش قارارى ئېلىنغان كېچە ئەمەسمۇ؟،
بۇ كېچە ئادالەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش پىلانى بېكىتىلگەن كېچە ئەمەسمۇ؟،
بۇ كېچە ئىنسان ھوقۇقلىرى باياننامىسى ۋە ئەركىنلىك خىتابنامىسى جاكارلانغان كېچە ئەمەسمۇ؟
بۇ كېچە دۇنيانىڭ يۈزىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى باشلانغان كېچە ئەمەسمۇ!.
بۇ كېچە ھەقىقى ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە مەدەنىيەت ياراتقان كېچە ئەمەسمۇ!…
بۇ كېچىدە نازىل بولغان ۋەھىي ئىنسانلار ئارىسىدا چىقىشىپ ياشاش ئاساسلىرىنى ۋە ھەمكارلىشىش پرىنسىپلىرىنى يولغا قويغان كېچە ئەمەسمۇ؟
بۇ كېچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساۋاب ئالىدىغان ياكى قىسقا مۇددەتتە ئەڭ كۆپ پايدا ئالىدىغان كېچە ئەمەسمۇ؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي