ئىنساننىڭ پىكرى ۋە تەسەۋۋرۇى ساغلام بولسا، ماڭغان يولى ساغلام بولىدۇ ۋە توغرا نىشانىغا قارىتا ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ.
ئەگەر ئىنساننىڭ پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرى بۇزۇلغان بولسا، ئەقىدىسىنىڭ روھى بۇزۇلىدۇ، قەلبى كېسەل بولىدۇ ۋە نەپسى يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، يۈز بېرىۋاتقان بارلىق بالايىئاپەتلەر ۋە مەغلۇبىيەتلەرنىڭ سەۋەبى ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىدىن بۇرۇلۇپ كېتىش، پىكىرنىڭ ساغلام بولماسلىقى ۋە قەلب پاكلىقىغا سەل قاراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.