پېتىر سەدىقىسى رامىزاننىڭ خاتىمىسى
پېتىر سەدىقىسى توغرولۇق قۇرئان كەرىمدە بايان كەلمىگەن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ۋاجىب ئىبادەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پېتىر زاكىتىنى ئەر-ئايال، چوڭ- كېچىك ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز قىلغان…» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان)
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن كەلگەن ئاخىرقى پەيغەمبىرى، دىنى ئىشلاردا خاتالاشمايدىغان مەسۇم زات، ئاللاھنىڭ كالامىنى بايان قىلغۇچى، بارلىق مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىگە ئىگە ئىنسان، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى… دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە سەمىمى ئىشىنىدىغان مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
***
قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر- بىرىگە ئىگە چىقىش، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، بىر بىرىگە ياردەم بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە مۇسۇلمانلارنى ھېس تۇيغۇ ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەتتە بىر بەدەنگە ئوخشاتقان.
مۇسۇلمانلار بىر بەدەن ۋە ئۆزئارا قېرىنداش بولۇش ئېتىبارى بىلەن قېرىنداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئېھتىياجلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى، پەرز زاكات ئارقىلىق ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، زاكاتتىن سىرت قولىدىن كېلىشىچە يەنە خەيرى ئېھسان قىلىپ ياردەم قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن ئۆتۈنۈپ ئىسلام ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ كۈرىشىنى قوللىشى ھەمدە رامىزان چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئائىلىدىكى ھەربىر ئەزا ئۈچۈن سەدىقە پېتىرنى ئادا قىلىشى لازىم.
ئىسلامدىكى روزا، زاكات ۋە ھەج ئىبادەتلىرى ئېھتىياجلىق شەخسلەرنىڭ ۋە ئورۇنلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشقا ۋە ھېيت كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقتا ئورتاقلىشىشقا باغلانغان.
پېتىر سەدىقىسى رامىزان جەريانىدا يۈز بەرگەن كېچىك گۇناھلارنىڭ كاپپارىتى، ھېيت كۈنلىرىدە باي-كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىقتا ئورتاق بولۇشى، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى بىھاجەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ چەكسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر بىلدۈرۈش… مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان.
شۇڭا، مۇسۇلمانلار ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك بولسۇن ھەربىر جان ئۈچۈن ھەر يۇرتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن سەدىقە پىتىر چىقىرىپ بولۇشى پەرز.
ئېھتىياجلىق شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا سەدىقە پېتىرنى نەخ پۇل ئارقىلىق ئادا قىلىش ئەڭ توغرا ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن.
تۈركىيەدە بۇ يىللىق سەدىقە پېتىر مىقدارى ئەڭ ئاز بولغاندا 180 تىلى، ياكى 5 دوللار قىلىپ بەلگىلەندى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.