قۇرئان كەرىم ۋەتىنى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ياكى خورلانغان ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن جەڭ قىلىشىنى تەبىئىي ھەققى دەپ مۇقەررەرلەشتۈرگەن:
«ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر» (بەقەر سۈرىسى، 246-ئايەت).
زالىملارغا قارشى تۇرۇشتا، ئىنسانلىقى خورلىنىۋاتقان، ئېتىقاد توسقۇنلۇقىغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئەقلى بۇلغىنىۋاتقان، ئىززەت – ئايرويى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، مال-مۈلكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان، كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان، ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ۋە تۈرلۈك خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ھالەتتىنمۇ باشقا يەنە قانداق سەۋەب لازىم؟ ۋەتەنسىز قېلىش ياكى ئۆز ۋەتىنىدە خورلىنىشتىنمۇ ئېغىر مۇسىبەت بارمۇ؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي