ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئىسلام قېرىنداشلىقى
ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن دىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش، مىللىتىنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ئىسلام قېرىنداشلىق پىرىنسىپىغا زىت كەلمىسىلا چەكلىمەيدۇ.
ئىسلام دىنى مىللەتلەر، يۇرتلار ۋە ۋەتەنلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۈممەت (دىنى قېرىنداش) بولۇش ئېتىبارى بىلەن سۆيگۈ- مۇھەببەت، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىمان قېرىنداشلىق بىرلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەت بايرىقى ئاستىدا شەكىللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقان. ئىسلام مەدەنىيىتى بارلىق مۇسۇلمانلارنى مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، ئىسلام دىنى ئىرقچىلىق قىلمايدىغان ۋە ئىنسانىيەتكە ئوچۇق بولغان بارلىق مىللەتلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.