روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن. جانابى ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇتقان روزىسىنى ۋە بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن، روزا ھېيتنى قېرىنداشلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن.
جانابى ئاللاھ ۋەتىنىمىزدىكى ھۆرلۈك، كىملىك ۋە ئىبادەتتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئەركىن ئىبادەت قىلىش پۇرسىتى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، ئامانلىق ۋە تىنچلىق ئاتا قىلسۇن؛ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن، كېسەللىرىگە شىپا ئاتا قىلسۇن، قەدىرلىك مىللىتىمىزگە تېز پۇرسەتتە ھۆرلۈك، ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكىلى نېسىپ قىلسۇن….
مۆھتەرەم قېرىنداشلار:
ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق روزا ھېيتنى مۇسۇلمانلارغا بايرام قىلىپ بەرگەن. روزا ھېيت پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان ئىسلام شوئارىدۇر، روزا ھېيت نامىزى جامائەت شەكلىدە ئادا قىلىنىدىغان ۋاجىپ ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەرىمىز ھېيت توغرىسىدا: «ئاللاھ سىلەرگە… روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى» دېگەن (تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
ھېيت ئىبادەت، ئىسلامنىڭ شوئارى، ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان كۈندۈر.
ھېيت قېرىنداشلىق، خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق كۈنىدۇر.
ھېيت تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى باغلايدىغان، بالىلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرىدىغان، قېرىنداشلىق روھىنى كۈچەيتىدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، بىر-بىرىنى خۇرسەن قىلىدىغان كۈندۇر.
ھېيت ئۆزئارا ئاداۋەتنى، ئۆچمەنلىكنى، ھەسەتنى، ئىچى يامانلىقنى، كىبىرنى، مەنمەنچىلىكنى… تاشلايدىغان ۋە ئۇنتۇپ كېتىدىغان كۈندۈر.
ھېيت بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولىدىغان، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشىدىغان، ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان كۈندۈر.
جانابى ئاللاھ بارلىق مىللىتىمىزنىڭ ھېيتىنى خۇشال خۇرام ۋە كۆڭۈل راھەتلىكى ئىچىدە ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.