پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئامانلىق تىلەيدىغان 30 تۈرلۈك ئىشلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «
ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق، قورقۇنچاقلىق، بېخىللىق، باغرىتاشلىق، غاپىللىق، كەمبەغەللىك، ناچار ئەخلاق، زۇلۇم، خارلىق، بىچارىلىكتىن ،
كۇپۇرلۇق، شېرىك، پاسىقلىق، بەختسىزلىك ، مۇناپىقلىق، ئازغۇنلۇق، رىياخورلۇق، نام- شۆھرەتتىن،
گاس بولۇپ قېلىش، گاچا بولۇپ قېلىش، ساراڭلىق، ئاق كېسەللىك، ماخاۋ كېسىلى، يامان كېسەللەردىن،
قەرزدارلىق، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى، نېمەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشى،
خاتىرجەملىكنىڭ خاتىرجەمسىزلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشى، ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشى، ئاللاھنىڭ غەزەپ قېلىشى، بالايى- مۇسىبەت، يامان كۈنگە قېلىش ۋە دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىدىن»
ئامانلىق تىلەيدىغان ئىدى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
