ئانىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
ئانىڭىز جەننەتكە كىرىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
ئانا كىچىك ۋەتەندۇر.
ئانا سۆيگۈنىڭ، كۆيۈنۈشنىڭ ۋە مېھىر- مۇھەببەتنىڭ… مەنبەسىدۇر.
ئانا مەكتەپتۇر.
ئانا مۇئەللىمدۇر.
ئانا سىرداشتۇر ۋە ئۇ يېقىن دوستتۇر.
بالىغا نىسبەتەن ئانىنىڭ قۇچىقىدەك راھەت بېرىدىغان يەر يوقتۇر.
سىزنى ھېچكىم ئانىڭىزغا ئوخشاش ياخشى كۆرمەيدۇ.
سىزنى ھېچكىم ئانىڭىزغا ئوخشاش چۈشەنمەيدۇ.
ئانىنىڭ ئاۋازى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ تاتلىق ئاۋازدۇر.
ئانا ئۆينىڭ مەلىكىسىدۇر.
ئانا ئۆينىڭ قۇياشىدۇر.
ئانا ئۆينىڭ گۈلىدۈر ۋە راھىتىدۇر.
ئانا ئۈمىدتۇر ۋە ھىمايىدۇر.
ئانا كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ، چىدامچانلىقنىڭ ۋە قۇربان بېرىشنىڭ نەمۇنىسىدۇر.
بۇ سەۋەبتىن، ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئىبادەتتۇر.
ئانىنى خاپا سېلىش ۋە قاقشىتىش ئېغىر گۇناھتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي