ئىسلام مەدەنىيىتىدە ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مىللى ئۆرپ ئادىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر يۇرت ۋە رايونلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئىسلام دىيارىنىڭ بىرلىكى باشقا ۋەتەنلەرنى ۋە يۇرتلارنى يۈتۈۋەتمەيدۇ.
ئىسلامنىڭ ئۈممەت بىرلىكىدىمۇ مىللەتلەر ۋە خەلقلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئىسلام كىملىكى بىلەن ۋەتەن، يۇرت، مىللەت، تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت تەۋەلىكلىرى بىربىرى بىلەن زىتلىشىپ قالمايدۇ.
دېمەك، ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئائىلە، ۋەتەن، مىللەت ۋە ئىسلام بىرلىكى ئۇقۇملىرى بىرلىشىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ، بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۆزئارا ماسلىشىپ ماڭىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.