ئىسلام ۋە مىللەت تەۋەلىكى: (8)
ئەقىل ياخشى ئىشلىسە ۋ يىراقنى كۆرەلىسە، مىللەت بىرلىكىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. مىللىي بىرلىك ئۈممەت بىرلىكىنىڭ باسقۇچى بولالايدۇ.
مەسىلەن، ئەرەب بىرلىكى شەكىللەنسە، ئىسلام بىرلىكىگە كۈچلۈك ھەسسە قوشىدۇ، چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ 90% مۇسۇلمان خەلق.
تۈرك مىللەتلىرىگە قارىساق تۈركلەر مۇسۇلمان خەلق، تۈركلەر ئورتاق مىللەت بولۇش ئېتىبارى بىلەن تۈرك مىللەتلىرى بىرلىكىنى شەكىللەندۈرەلىسە، بۇرۇنقىدەك بۈيۈك دۆلەتلەر شەكىللىنىپ، ئىسلامغا كۈچ ۋە جان قوشىدۇ.
تۈرك بىرلىكى ئاجىزلىشىپ كەتسە، ھازىرقىدەك پۈتۈن تۈرك مۇسۇلمانلىرى تەھدىت ئىچىدە ياشايدۇ. سىياسىي مەنپەئەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بۈگۈنكى دۇنيادا تۈركلەرنىڭ ھېچبىرى قېرىندىشى تۈركلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى مۇسۇلمان خەلق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى مىللەت بىرلىكى ۋە مىللەت تۇيغۇسىنىڭ – كوممۇنىست مىجەزلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا – ئىسلام مەقسەتلىرىگە زىت كېلىدىغان تەرىپى ئاساسەن يوق. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غېمىنى يېگەنلىك ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتى بىرلەشسە، مۇسۇلمانلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئۈممەت بىرلىكىگە تېخىمۇ ھەسسە قوشالايدۇ. مىللەت بۆلۈنسە ئۈممەتكە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۈممەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئاجىزلارنى بۆرە يەپ كېتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى ياكى توغرا مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئۈممەت بىرلىكى بىلەن بىرلىشىش ۋاسىتىسى بولىدۇ.
ئىسلام بىرلىكى ئەڭ بۈيۈك بىرلىكتۇر، بۇ بۈيۈك بىرلىك ئىچىدە كىچىك بىرلىكلەر ۋە خاس بىرلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇمۇ ئىسلام خاراكتېرى بىلەن بويىلىپ كەتكەن. مىللەت بىرلىكى، تىل بىرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئىچىدە يەر ئالىدۇ، بىراق زىتلاشمايدۇ. كىچىك بىرلىك بۈيۈك بىرلىك ئىچىدە ئېرىپ كەتمەيدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە كۆرسەتمىسى دائىرىسىدە داۋاملىشىدۇ.
مانا ماۋۇ ئىسلامنىڭ مىللەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۈممەت ھەققىدىكى توغرا پوزىتسىيەسى . ئىسلام دۆلىتى ھەر دائىم مەركىزى دۆلەت بولمىغان، بەلكى ھەر رايون ۋە ھەر مىللەت ئۆز يۇرتلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرغان. ئەقىدە ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى ئىچىدە تىل، مىللەت، كۈلتۈر ۋە ئىسلامغا زىت كەلمىگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر چىقىشىپ ياشىغان. شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتى ھەر زامان مىللىي خۇسۇسىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن.
مۇسۇلمانلارنى بىر كىتاب دېسەك، تۈرلۈك مۇسۇلمان مىللەتلىرى، يۇرتلار ۋە ۋەتەنلەر بۇ كىتابنىڭ ۋاراقلىرىدۇر.
دېمەك، ئىسلام بىرلىكى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت تەۋەلىكى ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرلۈك مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2018- ئاپرېل