ئازغۇنلۇقنىڭ مەنبەسى
ئازغۇنلۇق ئاساسەن ئوڭچى رادىكاللىق ۋە سولچى رادىكاللىقتىن ئىبارەت مېتود (يول) نىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە نىيەتنىڭ يامانلىقىدىن، قەلبنىڭ پاك ئەمەسلىكىدىن ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئازغۇنلۇقنىڭ بىرىنچى سەۋەبى يەنى ئوڭچى رادىكاللىق (ئاشقۇن جامائەتلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغانلار رادىكاللار) ياكى سولچى رادىكاللىق (ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى چەتكە قاقىدىغان رادىكاللار) ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھال خاراكتېرىگە، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىقماقتا.
ئازغۇنلۇقنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى، ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىنى بىلمەسلىك، ئىسلامنى بىر پۈتۈن چۈشەنمەسلىك، قەلبنى پاكىزلىماسلىق ۋە ئىسلامنىڭ ئەدەب- ئەخلاق تەربىيەسىنى ئۆزلەشتۈرمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقماقتا.
يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئەسلى نىيىتى ياخشى، لېكىن خاتا يولغا كىرىپ قالغانلار ئىنسانلار بار.
شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىللەتنى قايمۇقتۇرۇپ خاتا ئىدىيەگە باشلاش، مىللەتنىڭ كىملىك ئامىللىرىنى پارچىلاش ۋە مىللەتنى ئەسلىي نىشان- مەقسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىلىپ- بىلمەي دۈشمەن ئىستىخباراتىغا خىزمەت قىلىدىغان ئىدىيەسى بۇزۇق ئەبلەخلەر ۋە ساتقۇنلار بار.
بۇ ئىككى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن ۋە قانداق ئۇنۋانغا ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتىگە سەزگۈلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندا، سىياسىي كۈرەشنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشى بۇرۇلۇپ كېتىدۇ، سىياسىي كۈرەش پارچىلىنىشقا ۋە ئارقىغا چېكىنىشكە باشلايدۇ، ئىچكى تالاش- تارتىش ئەۋج ئالىدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي