
ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ئېقىملارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى
ئىسلام ھەرىكەتلىرى، ئىسلام ئېقىملىرى، مىللىي مۇجادىلە ھەرىكەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە مەنسۇپلىرى ئۆزلىرىنى ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى جەھەتتىن، مېتود جەھەتتىن، پىكرى جەھەتتىن، سىياسىي پىرىنسىپ جەھەتتىن، كىملىك ۋە قىممەت جەھەتتىن، ئىلمىي جەھەتتىن، ئەخلاقى جەھەتتىن، قەلب ۋە نەپس پاكلىقى جەھەتتىن، ئىقتىسادىي ساپلىق جەھەتتىن، تەشكىلى تۈزۈم جەھەتتىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىزباسار ياشلارنى يېتۈشتۈرۈش جەھەتتىن، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىن… ئۆز ئۆزىنى مۇراجىئەت قىلىپ چىقىدىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى قايتىدىغان تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2022- يىلى «ئىسلامىي ھەرىكەتلەرگە تەنقىدىي نەزەر» ناملىق كىتابنى نەشر قىلغان ئىدۇق. بىرقانچە مۇتەپەككۇر ئالىملار يېزىپ چىققان بۇ كىتابنى ئىسلامىي ھەرىكەتتىكى ۋە ئىسلامىي ئېقىملاردىكى ھەربىر ئەزانىڭ دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ ھەمدە تەنقىدىي نەزەر ئاستىدا ھەر ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا كۈچلۈك ياردەمچى بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.