ئىسلام قانۇنىدا زىنانىڭ ھۆكمى ۋە دەلىللەردىكى شۈبھەلەر
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
1. زىنانىڭ ھۆكمى
زىنا ئىسلامدا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. زىنانىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى كۆپ بولىدۇ. زىنا رازىلىشىپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا چوڭ گۇناھتۇر. شۇڭا، ئىسلام دىنى زىنادىن توسقان ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان: «ولا تقربوا الزنا إنه كان فاحشة وساء سبيلاً» ، «زىناغا يېقىنلىشىپ قالماڭلار، ئۇ قەبىھ قىلمىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دەيدۇ (ئىسرا سۈرىسى، 32 – ئايەت) ھەمدە ئۇ جىنايەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازا بەلگىلىگەن.
مۇسۇلمان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ۋە نەپسى خاھىشىگە ئەگىشىپ قالغاندا، ھەقىقىي زىنا (جىنسى زىنا)دىن ساقلانسىمۇ، ھەرۋاقىت ئىماننى كۈچلەندۈرۈپ ۋە قەلبنى پاكلاپ تۇرمىغاندا، نامەھرەملەرنىڭ بويۇن ۋە كىندىك دېگەندەك ئەۋرەت دەپ قارىلىدىغان ئەزالىرىغا قاراپ سېلىش، ئاياللارنىڭ بىرەر ئەزالىرىنى شەھۋەت بىلەن تۇتۇپ سېلىش، قۇچاقلاپ سېلىش، ياكى سۆيۈپ سېلىش، مۇھەببەتلىشىش نامىدا ئەخلاقسىز گەپلەرنى قىلىپ سېلىش، ۋاتساپ ياكى باشقىسىدا ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان گەپلەرنى يېزىپ سېلىش، ئىنتېرنېت دۇنياسىدا يېرىم يالىڭاچ خاراكتېرىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ سېلىش، يات ئاياللار بىلەن بىرەر ئورۇندا يالغۇز تۇرۇپ قېلىش، يات ئاياللار بىلەن ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە ئارىلىشىپ قېلىش، ئاياللارنىڭ شەرىئەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆلچەمسىز كىيىم كېچەكلەر بىلەن يۈرۈشى ياكى سۇيۇقلۇق قىلىشى… قاتارلىق زىنانىڭ ۋاسىتىلىرى ياكى ئەخلاقسىزلىق سەۋەبلىرىدىن ساقلىنىش بۈگۈنكى زاماندا ھەقىقەتەن قىيىنغا توختايدۇ.
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ساقلىغاندىن باشقا ھەرقانداق ئىنساننىڭ خاراكتېرىدە شەھۋەتلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىللىتى بولغانلىقى ئۈچۈن زىنا قىلىش تۇيغۇسى تېپىلىدۇ. كۆزنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان نەرسىلەرگە قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان ئەزالارنى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان ئورۇنلارغا بېرىشتۇر. كۆڭۈل ئارزۇ قىلدۇرىدۇ، جىنسى ئەزا قەلبنىڭ ئارزۇسىنى تەستىقلاپ يا زىنا قىلىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ» دەپ بۇ ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرغان (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىناغا باشلاپ بارىدىغان سەۋەبلەرگە يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ بېشىغا يىڭنىنىڭ سانجىلغىنى، ھالال بولمايدىغان بىر ئايالنىڭ قولىنى ياكى باشقا ئەزاسىنى تۇتۇپ سالغىنىدىن ياخشىدۇر» دېگەن (تەبرانى ۋە بەيھەقى بايان قىلغان).
ئىسلام قانۇنىدا جىنسى ئەزا ئارقىلىق قىلىنغان زىنا جىنايىتىگە ئېغىر شەرئى جازا «ھەد» كېلىدۇ. بۇ ھەقىقىي زىنا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ئەخلاقسىز قىلمىشلار، ياكى زىنانىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاسىتىلىرى، ھارام بولسىمۇ، ئۇنىڭغا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر شەرئى جازا كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئىسلامدا چەكلىنىدۇ، توسۇلىدۇ، نەسىھەت قىلىنىدۇ، تەۋبە قىلىش ۋە سەدىقە ئېھسان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، گۇناھنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا قازى تەرىپىدىن ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىسلام قانۇنىدا (ئالتە تۈرلۈك) چوڭ گۇناھلارغا ئېغىر جازا بېكىتىلگەن، باشقا گۇناھلارنىڭ جازاسى تەسىرىگە قارىتا قازىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇلغان. مۇئەييەن جازا بەلگىلەنمىگەن ئىشلارغا قازى، ياكى دۆلەت تەرىپىدىن ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ ئىسلام قانۇنىدا «تەئزىر» ئەدەپلەش جازاسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسلامدا زىنا جىنايىتىگە ئېنىق جازا بەلگىلەنگەن، زىنا جىنايىتىنىڭ خەتىرى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ جازاسى قازىنىڭ تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇلمىغان. زىناخورنىڭ زىنا قىلغانلىقى ئۆزىنىڭ ئېتىراپى ياكى ئادىل تۆت گۇۋاھچىلاردىن ئىبارەت روشەن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانسا، توي قىلمىغان زىناخورغا 100 دەررە ئۇرۇلىدۇ، توي قىلغان بولسا چالما كېسەك قىلىنىدۇ. ئەمما جازا مەھكىمە ياكى دۆلەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ، ياكى جامائەتنىڭ، ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشقا ئارىلىشىش ھەققى بولمايدۇ.
ئىسلام دىنى زىنا جىنايىتىگە قاتتىق جازا بېكىتكەن، لېكىن ئىسپاتلاش يولىنى تارايتىۋەتكەن. ئىسلام زىنا جىنايىتىنىڭ جازاسىنى بېكىتىشتە ئادىل ئەركەك تۆت گۇۋاھچىنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت باشقا جازالارغا ئوخشىمايدىغان ئېغىر شەرتنى قويغان. شۇنىڭدەك بېسىمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ئېتىراپىنى جازا ئىجرا قىلىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئاساس قىلغان.
زىنا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا جازا يۈرگۈزۈلۈشنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇخارىدىكى ھەدىسىدۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتىكى ۋاقىتتا بىر ئادەم كېلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن زىنا قىلىپ سالدىم دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالغان، ئۇ ئادەم تۆت قېتىم زىنا قىلغانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنى يېنىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن ساراڭمۇ؟ دەپ سورىغان، ئۇ ئادەم: ياق دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئادەمدىن سەن توي قىلغانمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: ھەئە، دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە: بۇ ئادەمنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ چالما كېسەك قىلىڭلار» دېگەن.
شۇنىڭدەك يەنە غامىدىيەلىك بىر ئايال ئۆزلۈكىدىن زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى: مېنى پاكلاپ قويسا دەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئىسىت ساڭا، ماڭا ئۆيۈڭگە بېرىپ ئىستىغپار ئېيتقىن ۋە تەۋبە قىلغىن دېگەن. يەنە تەلەپ قىلغاندا، تۇغۇپ كەل دېگەن. تۇغۇپ بولغاندا بالىسىنى ئېمىتىپ كەلسۇن دېگەن (مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
بۇ ۋەقەلىك بىرسى زىنا قىلغانلىقىنى بازارغا سېلىپ ئېلان قىلمىغان ياكى باشقىلارنى زىناغا قىزىقتۇرمىغان بولسا، تەۋبە -ئىستىغپار ئېيتىشقا ۋە مەسىلىنى جەمئىيەتكە يېيىپ يۈرمەي بىر تەرەپ قىلىشقا ئېنىق كۆرسەتمىدۇر.
ئەمما زىنا جىنايىتى تۆت گۇۋاھچى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولسا، ياكى دەۋاگەر تەرىپىدىن مەھكىمىگە ئەرز قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ مەسىلە دەۋاگەر، جاۋابكار، گۇۋاھچىلار ۋە دەلىل – پاكىتلار ئاساسىدا مەھكىمىنىڭ قارارى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىسلام قانۇنىدا ئىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى بۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئىسلام قانۇنىدىكى بۇ پىرىنسىپقا رىئايە قىلماي، ئىستىلى ئەخلاقسىزلىققا تەۋە ئىشلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بۇيىچە بىر تەرەپ قىلماي، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېيىپ جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش، يامان ئىشلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇش ۋە دەلىلسىز گۇمان قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر.
2. دەلىللەردە كۈچلۈك شۈبھە بولۇپ قالسا، جازا بېرىلەمدۇ؟
ئىسلامدا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغان زىنا جىنايىتىدە دەلىل – پاكىتلار يېتەرلىك ۋە شۈبھىدىن خالىي بولسا، جازا مەھكىمە تەرىپىدىن تەتبىقلىنىدۇ. ئەمما دەلىلدە كۈچلۈك شۈبھە بولۇپ، پاكىتلار ئېنىق بولمىسا ياكى يېتەرلىك بولمىسا، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازا تەتبىقلانمايدۇ. بۇ دېگەنلىك گۇناھكارنىڭ پەقەت جازالانمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مەھكىمە تەرىپىدىن جىنايەتنىڭ سەۋىيەسىگە ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازادىن تۆۋەنرەك ئەدەپلەش جازاسىنى بەرسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
مەسىلەن، زىنا توغرىسىدىكى شۈبھىلەرنى مىسال ئالساق، بىرسى بىر ئايال بىلەن ئادەم يوق يەردە خالىي قالغانلىقى، ياكى بىرگە سەپەر قىلغانلىقى، ياكى سۆيۈشكەنلىكى، ياكى ناشايان سۈرەتلەرنى ئالماشتۇرغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ تۈردىكى ئىشلار زىنانىڭ سەۋەبچىسى دەپ قارىلىدۇ ۋە گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. گۇناھ خاراكتېردىكى بۇ ئىشلار مەخپىي يۈز بەرگەن ۋە مەخپىي قالغان بولسا، تەۋبە قىلىشقا، مۇنداق يامان ئىشنى قايتا قىلماسلىققا ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. ئەمما ئاشكارا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئىشلارغا قازى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك ۋەلىسىز ياكى گۇۋاھچىسىز نىكاھ قىلغان بولسا شۈبھە ھېسابلىنىدۇ، زىنا جىنايىتىنىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ.
كۆپلىگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى «جازانىڭ ئېنىق شۈبھە سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق». ئۇلار بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى دەلىل كۆرسەتكەن. پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ادرؤوا الحدود بالشُّبُهات»، «جازالارنى شۈبھە بولۇپ قالسا ئەمەلدىن قالدۇرۇڭلار» دېگەن (مۇسنەد ئەبۇ ھەنىفە، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە دار قۇتنى).
كۈچلۈك شۈبھە سەۋەبلىك جازانىڭ تەتبىقلانماسلىقىدىن مەقسەت شەخسلەرنىڭ قانلىرى ۋە ئابرۇيلىرىنى ھىمايە قىلىش، دەلىل ئىسپاتلانغانغا قەدەر جاۋابكارنى گۇناھسىز دەپ قاراش ۋە كۈچلۈك شۈبھە تېپىلغان ئەھۋال ئاستىدا دەلىللەرنى جاۋابكارنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مانا بۇ پىرىنسىپ ئىسلامنىڭ جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىنسانلارنىڭ جانلىرىنى ۋە ئابرۇيىنى قوغداشقا، ئادالەتنى ھىمايە قىلىشقا، جاۋابكارنىڭ دەلىل – پاكىتسىز جازالانمايدىغانلىقىغا، جىنايەتنى ئىسپاتلاشتا ئېھتىيات قىلىشقا، دەلىللەردە كۈچلۈك شۈبھە بولۇپ قالسا، بەلگىلىك جازانى شۇ كىشىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر ئىنساننىڭ شۈبھە سەۋەبلىك ھەقسىز جازاغا ئۇچرىغىنىدىن جازالانماي ئەپۇ قىلىنغىنى ياخشىدۇر. چۈنكى بۇ تۈردىكى گۇناھقا بېرىلىدىغان جازا جىسمانىي، مەنىۋى ۋە ئىززەت ئابرۇيغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر جازا بولغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن پاكىتنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
«جاۋابكارنىڭ گۇناھ قىلغانلىقى رەسمىي ئىسپاتلانغانغا قەدەر گۇناھسىز» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، جاۋابكار مەھكىمە تەرىپىدىن ساغلام دەلىل – پاكىت ئارقىلىق جىنايەتچى دەپ ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئۇنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنى تۆكۈش، ھاقارەت قىلىش، ئۆسەك گەپ سۆزلەرنى تارقىتىش ھارامدۇر، زۇلۇمدۇر ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، گۇناھ ياكى جىنايەت سادىر قىلغان كىشى، بۇ دۇنيادا بىر سەۋەبلەر ئارقىلىق جازادىن قۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردە، جازاغا لايىق بولۇپ قالسا ئاخىرەتتە ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر.
3. زىنا جىنايىتىدە پەرقلىق گۇۋاھلىق بېرىلسە،جازا ئەمەلدىن قالامدۇ؟
تۆت مەزھەپنىڭ جۇمھۇر ئالىملىرى: گۇۋاھچىلارنىڭ زىنا ۋە ئورۇن توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقى پەرقلىق بولسا، مەزكۇر كىشى ھەققىدىكى جازا ئەمەلدىن قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ دەپ قارىغان. مەسىلەن.
1) ئەگەر ئىككى گۇۋاھچى، ياكى تۆت گۇۋاھچىنىڭ بىرى چوڭ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا زىنا قىلغان دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، قالغانلىرى ئۆينىڭ باشقا بۇلۇڭىدا زىنا قىلغان دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ياكى ئىككى كىشى پالانى شەھەردە زىنا قىلغان دېسە، يەنە ئىككىسى باشقا بىر شەھەردە زىنا قىلغان دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ياكى تۆت گۇۋاھچىنىڭ بىرى پالانى كۈنى زىنا قىلغان دېسە، باشقىلىرى باشقا بىر كۈندە زىنا قىلغان دېسە، بۇ تۈرلۈك شۈبھەلەر سەۋەبىدىن جازا تەتبىقلانمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەك بولمىغانلىقى ۋە تۆت گۇۋاھچىنىڭ بىر مەسىلىگە قارىتا سانى توشمىغانلىقى ئۈچۈن جازا تەتبىقلانمايدۇ.
2) بىر قىز زىنا بىلەن قارىلىنىپ تۆت گۇۋاھچى تەرىپىدىن گۇۋاھلىق بېرىلگەن بولسا، تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇ قىزنىڭ قىزلىق پەردىسى يوقالمىغان بولسا، قىزغا جازا بېرىلمەيدۇ. گۇۋاھچىلارغا ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ.
3) ئىككى زىناخورنىڭ بىرسى زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، يەنە بىرسى ئىنكار قىلغان بولسا، بۇ شۈبھە ھېسابلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.
بىرىنچى قاراش، ئىككى زىناخورنىڭ بىرسى ئېتىراپ قىلغان بولسا، شۈبھە ھېسابلانمايدۇ دېگەن. ئۇلار بۇنىڭغا بىر ئادەمنىڭ پەيغەمبەرىمىزنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن. پەيغەمبەرىمىز ئۇ ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇ ئايال زىنا قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرىمىز ئەر كىشىگە دەررە ئۇرغان، ئايال كىشىنى قويۇپ بەرگەن (ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان).
ئىككىنچى قاراش: ئىككى زىناخورنىڭ بىرسى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە بىرسىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقى شۈبھە ھېسابلىنىدۇ. شۈبھە بولغانلىقى ئۈچۈن جازا بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئېتىراپ قىلىش ئېتىراپ قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى پاكىتى بولۇپ، ئىنكار قىلغۇچى ھەققىدە يېتەرلىك پاكىت بولۇشقا يارىمايدۇ.
4. زىنانى ئېتىراپ قىلغان كىشى ئېتىراپىدىن يېنىۋالسا، قانداق بولىدۇ؟
زىنا قىلغۇچى نەخ مەيداندا تۇتۇلغاندىن كېيىن (تۆت گۇۋاھچى يوق ھالەتتە) زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولۇپ، ياكى بۇ دۇنيادا پاكلىنىش مەقسىتىدە زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولۇپ، جازا تۇرغۇزۇلۇشتىن ئىلگىرى، ياكى جازا تۇرغۇزۇلۇش ئارىلىقىدا يېنىۋالغان بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل كۆزقاراشتا بولغان:
1) كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا زىنا قىلغۇچى جازا بېرىلىشتىن ئىلگىرى ياكى جازا ئارىلىقىدا زىنا قىلغانلىق ئېتىراپىدىن يېنىۋالغان بولسا، ئۇنىڭ يېنىۋالغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە جازا بېرىلمەيدۇ.
بۇنىڭ دەلىل مائىز ئىبنى مالىك چالما كېسەك قىلىنىش جەريانىدا قاچقان، ساھابىلەر ئۇنى قوغلاپ بېرىپ چالما كېسەك قىلغان. بۇ ۋەقە پەيغەمبەرىمىزگە يەتكەندە: قاچقان بولسا قويۇپ بەرسەڭلىچۇ؟ بەلكىم تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلار ئىدى» دېگەن (ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
بۇلارنىڭ يەنە بىر دەلىلى، مائىز پەيغەمبەرىمىزنىڭ يېنىغا زىنا قىلىپ سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەلكىم سۆيۈپ سالغانسەن، ياكى بەدىنىنى تۇتۇپ سالغانسەن، ياكى بىرەر ئەزاسىغا قاراپ سالغانسەن» دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
2) ئۇنىڭ يېنىۋالغانلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر زىنا قىلغۇچى ئېتىراپىدىن يېنىۋالغان بولسا قوبۇل قىلىنمايدۇ، جازا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ سۆزى: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ۋە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بەرپا قىلغۇچى ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇڭلار» (نىسا سۈرىسى، 135 – ئايەت).
دېمەك، ئېتىراپىدىن يېنىۋېلىش شۈبھە پەيدا قىلىدۇ ۋە جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
5. زىنا ئىشلىرىنى ئىسپاتلاشتا تۆت گۇۋاھچىنىڭ بولۇشى ياكى ئىگىسىنىڭ يانمايدىغان ئېتىراپىنىڭ بولۇشى شەرت
﴿واللاتي يَأتِينَ الفاحِشَةَ مِنْ نِسائِكُم فاستَشهِدوا عَلَيَهِنَّ أَربَعَةً مِنكُم﴾ [النساء: 15]، وقوله تعالى: ﴿والذينَ يَرمُونَ المُحصَناتِ ثُمَّ لَم يَأتوا بأربَعَةِ شُهَداءَ فاجلِدُوهُم ثمانينَ جَلدةً ولا تَقبَلوا لَهُم شَهادةً أَبَدًا وأولَئِكَ هُمُ الفاسِقون﴾ [النور: 4].
قۇرئان كەرىم نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىدە، نۇر سۈرىسىنىڭ 4 – ئايىتىدە زىنا بىلەن قارىلاش ئۈچۈن تۆت ئەركەك گۇۋاھچىنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغان. بۇ شەرت پەقەتلا زىنا جىنايىتى بىلەن قارىلاش مەسىلىسىدە تېپىلىدۇ، باشقا جازا بېرىلىدىغان ئىشلاردا مۇنداق ئېغىر شەرتلەر تېپىلمايدۇ.
بىر ئىنساننىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش مەسىلىسىدە تۆت ئادىل گۇۋاھچىنىڭ بولۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ زىنانى كۆسەينىڭ تونۇرغا كىرگىنىدەك ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇشىنى، ياكى ئىگىسى يېنىۋالمايدىغان ئېتىراپنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىش مەسىلىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش، ئىززەت ئابرۇيىنى ھىمايە قىلىش، ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاك كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق ناچار مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ يولىنى توسۇش ۋە دەۋاگەرگە ئېغىر شەرت قويۇش… قاتارلىق ھېكمەتلەرنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى گۇۋاھچىلارغا ئېغىر شەرت قويمىغاندا، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى سەۋەبلىك پاك كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىدىغان، ياكى قاتىللىق سادىر قىلىدىغان، ياكى ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ياكى خۇسۇمەتچىلەر ئادالەتتىن چەتنەپ ئۆچ ئالىدىغان، ياكى دۈشمەن ئىستىخباراتى سىياسىي ساھەدىكىلەرنى زىنا بىلەن قارىلاپ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈرىشىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام قانۇنى زىنا جىنايىتى بىلەن قارىلاپ گۇۋاھلىق بېرىش مەسىلىسىدە ئادىل سۈپەتكە ئىگە ئەركەك تۆت كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى شەرت قىلغان. ئەگەر زىنا جىنايىتىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ بولۇپ قالسا، ياكى ئۇلار پاسىقلار بولۇپ قالسا، ياكى ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى ھەرخىل چىقىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە تۆھمەت قىلىش جازاسى (80 دەررە) ئۇرۇلىدۇ.
ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئۆزى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆت گۇۋاھچى ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىسلام ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە لەنەت ئېيتىشىپ ئاجرىشىپ كېتىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن : «وَالَّذِينَ يَرْمُونَ أَزْوَاجَهُمْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ شُهَدَاءُ إِلَّا أَنْفُسُهُمْ فَشَهَادَةُ أَحَدِهِمْ أَرْبَعُ شَهَادَاتٍ بِاللهِ إِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ»، «ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ۋە ئۆزىدىن تۆھمەتنىڭ جازاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن) ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن» (نۇر سۈرىسى، 6 – ئايەت).
سەئىد ئىبنى ئۇبادە دېگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئەگەر مەن ئايالىمنىڭ بىر ئادەم بىلەن زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، تۆت گۇۋاھچى تېپىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەي تۇرامدىمەن دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، شۇنداق قىلىسەن» دېگەن (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئىسلام قانۇنىدا ھەممە ھوقۇقلارنى ئىسپاتلاشتا ئىككى گۇۋاھچى قوبۇل قىلىنسا، زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئادىل تۆت ئەركىشىنىڭ بىر سورۇندا ئارقىمۇ ئارقا گۇۋاھلىق بېرىشى شەرت قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
گۇۋاھچىلارنىڭ شەرتلىرى:
1. ئەركەك بولۇش،
2. گۇۋاھچىلار تۆت بولۇش،
3. گۇۋاھچىلار ئادىل بولۇش،
4. زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن ئېنىق كۆرگەن بولۇش، باشقىلاردىن ئاڭلاپ گۇۋاھلىق بېرىش ياكى نەقىل قىلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ.
5. گۇۋاھچىلارنىڭ بىر سورۇندا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەت.
ئادەتتە، ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانلاردىن باشقىسى بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سالىدىغان بولغاچقا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئېزىپ مەخپى قىلىپ سالغان گۇناھىنى يېپىپ تەۋبە قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ مەخپىي قىلىپ سالغان گۇناھىنى بىلىپ قالغان بولسا ئۇنى سازايى قىلىپ يۈرمەي يېپىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ جازاسى ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىگە ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش ساۋاب، مەخپىي قىلغان گۇناھىنى سازايى قىلىش ئەخلاقسىزلىق ۋە گۇناھ.
خۇلاسە
1. نىكاھ قىلمىغان ئەر – ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزالىرى ئارقىلىق زىنا قىلىشى، ئىسلام قانۇنىدا زىنا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇش، بەزى ئەزالىرىنى سىلاش، قۇچاقلاپ قويۇش، سۆيۈپ قويۇش، كۆز قىسىش، ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان گەپ سۆزلەرنى دېيىشىش ياكى يېزىشىش، ياكى بىر يەرلەردە يالغۇز ئولتۇرۇۋاتقان سۈرەتلىرىنى تارقىتىش… قاتارلىق ئىشلار زىنانىڭ مۇقەددىمىسى ۋە سەۋەبلىرى ھېسابلىنىدىغان گۇناھ خاراكتېردىكى ئىشلاردۇر.
بۇ ئىشلار مۇنكىر ۋە گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن زىنا جىنايىتىنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەخلاققا زىت گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلغۇچى كىشىلەر ئىسلام قانۇنىدا زىنا جىنايىتى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن جازاغا ئۇچرىمايدۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك پاھىشە ۋە ئىستىلى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قازى تەرىپىدىن مۇناسىپ شەكىلدە ئەدەپلەش، ياكى تەنقىدلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
2. زىنا قىلىش – رازىلىق ۋە رازىلىقسىز بولسۇن- ئىسلامدا ئەڭ ئېغىر چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيلىرى ۋە نەسەبلىرىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيلىرى ۋە نەسەبلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دەلىلى ساغلام بولغان ئۇ ئېغىر جىنايەتكە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
3. ئىسلام دىنى زىنانى ئىسپاتلاش ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق چىڭ تۇرغان، بەك ئېھتىيات قىلغان، شۇڭا، زىنانى ئىسپاتلاشتا ئالدىراپ تېپىلمايدىغان ئىنچىكە شەرتلەرنى بېكىتكەن، چۈنكى ئىسلام جەمئىيەتنىڭ پاك بولۇشىنى خالايدۇ. ئىسلامنىڭ مەقسىتى بىرسى خاتالىشىپ بولغۇچە جازالىۋېلىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈللەرنى پاكلاشنى، جەمئىيەتنى ئەخلاقسىزلىق سەۋەبلىرىدىن تازىلاشنى ۋە يامان ئىشلارنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتمەسلىكىنى مەقسەت قىلىدۇ.
4. ئىسلام قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيىنى قاتمۇ – قات بىخەتەرلىك قورغانلىرى بىلەن ھىمايە ئىچىگە ئالغان. پاك كىشىلەرنى زىنا بىلەن قارىلاش جىنايىتىنى ئەڭ ئېغىر ھالاكەتلىك ئىش دەپ بەلگىلىگەن ۋە ئېنىق دەلىلسىز قارىلاشنى تۆھمەتچى دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ئۇلارغا 80 دەررە جازا بېكىتكەن.
5. زىنا جىنايىتى ھاكىمنىڭ ياكى قازىنىڭ بىلىشى، ياكى پەرەزلىرى ئاساسىدا ئىسپاتلانمايدۇ، بەلكى ئېنىق پاكىت ئاساسىدا ئىسپاتلىنىدۇ.
6. ئەر كىشى ئايالىنى زىنا بىلەن قارىلاپ تۆت شاھىت كەلتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئىككىيلەن بىر-بىرىگە لەنەت ئېيتىشىدۇ. ئەر لەنەت ئېيتىپ ئايال كىشى لەنەت ئېيتماي جىم تۇرۇۋالسا، ئايالنىڭ زىنا قىلغانلىق جىنايىتى ئىسپاتلىنىدۇ. ئەگەر ئايالىمۇ ئېرىگە لەنەت ئېيتسا، ئۇ چاغدا ئايالغا جازا كەلمەيدۇ. لەنەت ئېيتىشىش ئارقىلىق ئىككىيلەن بىر-بىرىدىن تامامەن ئاجرىشىپ كېتىدۇ.
7. ئىسلام قانۇنى دەلىللەردە كۈچلۈك شۈبھە بولۇپ قالسا، دەلىل – پاكىتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر شەخسلەر ھەققىدىكى بەلگىلەنگەن شەرئى جازا تەتبىقلانمايدۇ. لېكىن زۆرۈرىيەت تېپىلىپ قالسا، قازى ياكى مەھكىمە گۇناھنىڭ تەسىرىگە قارىتا ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەپلەش جازاسىنى بېرىش سالاھىيتىىگە ئىگە.
8. شەرئى جازا: ئاللاھنىڭ ھەققى سۈپىتىدە مىقدارى ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋە ئىجرا قىلىنىشى پەرز بولغان جازا دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ.
9. شۈبھە: روشەن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان مەسىلە، ياكى پەرەز.
10. مانا بۇ ئىسلام قانۇنىدىكى زىنانىڭ ھۆكمى، زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاش يوللىرى ۋە دەلىللەردە شۈبھە بولۇپ قالسا قانداق قىلىش توغرىسىدىكى ھەققىدىكى پىرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلەردۇر.
دېمەك، ئىسلامغا ئىشىنىدىغان، قۇرئان-سۈننەتنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئىشىنىدىغان، مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىدىغان، ئىسلام ئۆلىمالىرىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئەخلاق ۋە ئادالەتكە چاقىرىدىغان… بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن توغرا يول خەرىتىسى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
2025. 02. 20 كۈنى. ئىستانبۇل.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:
ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسى: